1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر جۇ رۇڭجى «بىرگە كاپالەتلىك قىلىش» نى ئېلان قىلدى، ئۇ شۇ يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى %8 گە كۆتۈرۈپ، پۇل پاخاللىقىنى %3 تىن تۆۋەن قىلغاندا، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشمەيدۇ دېدى.
1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتىنى قوللاش قوللىماسلىق توغرىسىدا ئاق تەنلىكلەرنىڭ پىكرىنى ئالغان. ئۈچ مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا سايلامغا قاتناشقان، نەتىجىدە %69 كىشى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت ئىسلاھاتىنى قوللىغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1966-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يوقاپ كەتكەن ۋودۇرۇد بومبىسى ئىسپانىيەنىڭ دېڭىز ساھىلىدا بايقالغان. 1966-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ھاۋادىكى ماي قاچىلاش مانىۋېرى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ B-52 ئايروپىلانى ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز ساھىلىدا يوقاپ كەتكەن، بۇ ئايروپىلاندا تۆت ۋودۇرۇد بومبىسى قاچىلانغان بولۇپ، ھەربىر ۋودۇرۇد بومبىسىنىڭ كۈچى ئامېرىكىنىڭ 1945-يىلى خروسوما ئارىلىغا تاشلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ 800 ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. ئىز تورى www.iz.la
1919-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار فىرانسىيەگە يول ئالغان. تۇنجى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ھەرىكىتى 1912-يىلى باشلانغان. 1919-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان 89 ئوقۇغۇچى فىرانسىيەگە يول ئالغان. 1919-يىلىدىن كېيىن، لى داجاۋ، ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي قاتارلىق يولداشلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!