1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گوۋۇيۈەن دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلارنىڭ كىرىمىنى ئايرىۋېتىشنى پىلان قىلغان. بۇنداق بولغاندا كىرىمنى ئايرىم ھېسابلاش مېخانىزىمى تۇرغۇزۇلىدۇ. بۇرۇن جۇڭگونىڭ دورا داۋالىنىش پۇلى ئەڭ يۇقىرى ئىدى، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشى دەل دورا بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئايرىلماسلىقىدىن بولغان.
1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گورباچوف سوۋىت ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولغان. گورباچوف 1931-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كاۋكازدىكى دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1955-يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1952-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1990-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
1955-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەنىڭ باكتىرىيەشۇناسى فىلېمىڭ ۋاپات بولغان. ئۇ 1881-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى شوتلاندىيەدە دۇنياغا كەلگەن. كىشىلەر تارىختىن بۇيان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تەھتىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. كېيىن باكتىرىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ باش جىنايەتچىسى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. 1928-يىلى فلېمىڭ پېنىتسىللىننى بايقىغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئۇزاردى. ئۇ بۇ بايقىشى بىلەن 1945-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
1912-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سۈن جۇڭشەن پۇت چىگىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. بۇيرۇقتا مۇنداق دېيىلگەن:دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم پۇقرالارنىڭ بەدەن ساپاسى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. پۇت چىگىش قاتارلىق خۇراپىي ئىشنى تاشلاش كېرەك. ئەگەر بۇ بۇيرۇققا كىم خىلاپلىق قىلسا، ئائىلە ئەزالىرىمۇ قوشۇپ جازالىنىدۇ. www.iz.la