قاھارنىڭ قىلمىشىنى قانداق بىر تەرەپ قى...

ۋاقتى:2011-03-10 17:57مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
     دېلو مىسالى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى قاھار 4500 يۈەنگە سېتىۋالغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتىنى دوستى مۇختەرگە ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغان. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە قاھار مۇختەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا قۇلۇپلاپ توختىتىپ قويۇلغان موتوسىكلىتنى زاپاس ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ ھەيدەپ كەتكەن. ئەتىسى مۇختەر موتوسىكلىتنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنى قاھارغا ئېيتقان ھەم 3500 يۈەن تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. قاھار ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، «تۆلەپ بەر» دېگەن. مۇختەر قاھارغا ئالدىن 1300 يۈەن تۆلىگەن. كېيىن مۇختەر قاھارنىڭ يىتىپ كەتكەن موتوسىكلىتىنى مىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يېڭىدىن موتوسىكلىت سېتىۋالغان-سېتىۋالمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن. قاھار «قوشنىلاردىن ئارىيەت ئالدىم» دەپ يالغان ئېيتقان ھەم مۇختەر دېلو مەلۇم قىلىشتىن ئىلگىرى «يىتكەن» موتوسىكلىتنى 2000 يۈەنگە سېتىۋەتكەن.  بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا جىنايەت گۇماندارى قاھارنىڭ قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىش توغرىسىدا ئىككى خىل پىكىر كېلىپ چىقتى: 1-خىل پىكىردىكىلەر: قاھارنىڭ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. سەۋەبى، جىنايەت گۇماندارى قاھارنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشتىكى مۇددىئاسى مۇختەرنى قاقتى-سوقتى قىلىش بولۇپ، ئۆزى ئېلىپ كەتكەن موتوسىكلىتنى مۇختەرگە قايتا تۆلەتكۈزگەن. قاھارنىڭ موتوسىكلىتىنى مۇختەرگە بېرىپ تۇرۇشى ئالدامچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ۋاسىتىسىدۇر. شۇڭا ئۇنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، دەپ قارىدى. 2-خىل پىكىردىكىلەر: قاھارنىڭ قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. سەۋەبى، قاھار يېرىم كېچىدە ئالدىن تەييارلاپ قويغان زاپاس ئاچقۇچ بىلەن موتوسىكلىتنى ئېلىپ كەتكەن. بۇ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە يوشۇرۇن ۋاسىتىنى قوللىنىپ، كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلۈكنى ئوغرىلاش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇ قىلمىشنى ئوغرىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتىش كېرەك، دەپ قارىدى.

www.iz.la


تەھلىل: مەن 2-خىل قاراشتىكىلەرنىڭ پىكرىنى قوللايمەن. ئاساسىم تۆۋەندىكىچە: (1) ئوغرىلىق قىلمىشى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ دېلودا مۇختەر موتوسىكلىت يىتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىنمۇ، قاھار ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، مەلۇم مىقداردا تۆلەمگە ئېرىشكەن. مۇختەر قاھارنىڭ »يوقالغان موتوسىكلىت«نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، قاھار جىنايىتى ئاشكارىلانغان ئەھۋالدىمۇ، يەنىلا «موتوسىكلىتنى باشقىلاردىن ئارىيەت ئالدىم» دەپ يالغان ئېيتقان، كېيىن موتوسىكلىتنى سېتىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلى 1300 يۈەن بولۇپ، «سوممىسى زور بولۇش» دېگەن ئۆلچەمگە توشمايدۇ. قاھارنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىنىڭ مەقسىتى مال-مۈلۈككە قانۇنسىز ئېرىشىش بولۇپ، ئۇنىڭدا قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىنىڭ بارلىقى ئېنىق. ئۇنىڭ قىلمىشىنى دۆلىتىمىزنىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى»دىكى چېتىشلىق جىنايەت توغرىسىدىكى ئىزاھاتتىكى «چېتىشلىق جىنايەت سادىر قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئېغىر جىنايەتكە جازا ئۆلچەپ، جازا بېرىش كېرەك» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئوغرىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتىش كېرەك. (2) قاھار موتوسىكلىتنى مۇختەرگە بېرىپ تۇرغاندا، مۇختەردە بۇ موتوسىكلىتنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى شەكىللەنگەن، ئەگەر موتوسىكلىت بۇزۇلسا، يىتىپ كەتسە، مۇختەر تۆلەپ بېرىشى كېرەك. قاھار باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە موتوسىكلىتنى مۇختەرگە بېرىپ تۇرۇپ، يەنە پۇرسەت تېپىپ ئۆزى ئوغرىلىۋالغان. گەرچە موتوسىكلىت ئۆزىنىڭ بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مۇختەرنىڭ مال - مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان. (3) قاھار باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن، يوشۇرۇن ئېلىۋېلىش ۋاسىتىسىنى قوللانغان. شۇڭا ئۇنى ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

ئىز تورى www.iz.la


  ئاسىمگۈل نىياز
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...

  • ئـەگـەر مـەن قـايـتا تـۇغـۇلسام ...

    مۆشۈك: ئەگەر مەن قايتا تۇغۇلسام چاشقان بولاتتىم ،چۈنكى مەن بىر قېتىم خوجايىننىڭ بىر تال بېلىقىنى ئوغۇرلاپ يەپ قويغىنىمغا ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى ،چاشقان بولسا قاچاندا بولسا ئاشخانىدا ئىشكاپلارنى خالىغانچە ئاختۇرۇپ نىمە خالىسا شۇنى يەپ يۈرەلەيدۇ.دەپتۇ...