1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە پۈركۈمە ئوكۇلنى كەشىپ قىلغان. لوندۇندا ئوكسېگىن گورۇھى شىركىتىنىڭ لېدىرى دەن ئۇلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى«پۈركۈمە ئوكۇل»نى كەشىپ قىلغانلىقىنى، بۇ ئوكۇلنىڭ يېڭى تىپتىكى ئوكۇل بولۇپ، يىڭنە ئىشلەتمەيدىغانلىقى، گېلىي گازىنىڭ بېسىمى ئارقىلىق تېرىدىن ئۆتۈپ بەدەنگە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ ئېچىلىش ئېغىزى ئەڭ چوڭ بولغان شاڭخەي چوڭ كۆۋرۈكى باج ئېلىنمايدىغان رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇپقا بېرىپ سۆز قىلغاندىن كېيىنكى شاڭخەينىڭ پۇدۇڭ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم قۇرۇلۇش.
1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيە توكيودا چوڭ پارتلاش بولغان. شۇ كۈنى كەچتە، ئامېرىكىنىڭ 300 دىن ئارتۇق B-29 ئايروپىلانى توكيونى يەنە پارتلاتقان. 56 كۋادرات كىلومېتىرلىق يەر ۋەيران بولۇپ كەتكەن. نۇرغۇن قازا قىلغانلار كۆيۈشتە ئوكسىگېن قالمىغانلىقى ئۈچۈن تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1923-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لېنىن سەكتە بولۇپ قېلىپ، ئامالسىز ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالغان. لېنىن سەكتە بولۇپ قالغانلىقتىن، ئوڭ تەرىپى پالەچ بولغان ۋە سۆزلەشتىمۇ قىينالغان. ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىتالىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى بىرلىكتە ھاكىمىيەتنى باشقۇرغان.