يەر شارىنىڭ قوغدىغۇچى قەۋىتى - ئوزون قاتلىمى copyright by www.iz.la
ئوزون قاتلىمى يەر شارىدىن 25 كىلومېتىردىن 30 كىلومېتىرغىچە يىراقلىقتىكى ئوزون مالېكۇلاسى نىسبەتەن توپلانغان ئاتموسفېرادىكى سىتاتوسفېرانى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىنسانلارغا زىيانلىق %99تىن ئارتۇق قۇياش ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، يەر شارىدىكى جانلىقلارنى قىسقا دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ. ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، جەنۇبىي قۇتۇپ ئاسمىنىدىكى ئوزون قاتلىمى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان كەڭ كۆلەمدە كاۋاكلىشىشقا باشلىغان. خەلقئارا جەمىئيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ھازىر يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپ ئاسمىنىنىڭ ئوزون قاتلىمىدىكى كاۋاك ئاستا-ئاستا كىچىكلىمەكتە. لېكىن، ئەنگلىيە لېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوزون قاتلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ تېز ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئوزون قاتلىمىدىكى كاۋاك بوشلۇق جەنۇبىي قۇتۇپ رايونى ئاسمىنىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك شامالنى شەكىللەندۈرىدىكەن، بۇ شامال دېڭىز سۈيى چاچراندىلىرىنى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا ئېلىپ كىرىپ، تەركىبىدە تۇز مىقدارى بولغان بۇلۇت قاتلىمىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. بۇ قۇياش نۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا قايتۇرۇش ئارقىلىق جەنۇبىي قۇتۇپ رايونى ئاتموسفېراسى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى توسىدىكەن. ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا، ئوزون قاتلىمىدىكى كاۋاك بوشلۇق جەنۇبىي قۇتۇپ رايونى ئاتموسفېرا بۇلۇت قاتلىمىنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي كۈچەيتىۋېتىپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە جەنۇبىي قۇتۇپ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى توسقان. ئوزون قاتلىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ مېخانىزمنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كەتكەن ھەتتا پۈتۈنلەي ئەكسىگە قايتقان، شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ تېز ئىسسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن