2006-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوكتا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نامايىش قىلىپ، زۇڭلىنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئىز تورى www.iz.la
2004-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق خىزمىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قانچە پىكىر» نى تارقاتتى، پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر قايسى تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەر ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەت ۋە ۋەزىپە بويىچە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرامىگە يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نيويۇركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. بەش كىشى قازا قىلغان، 700 ئارتۇق كىشى يارىلانغان. دۇنيا سودا مەركىزى نيويۇركنىڭ مەركىزى بولغان مانخاتتانغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ پارتلاش 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن قالسىلا چوڭ پارتلاش ھېسابلىنىدۇ.
1936-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گېرمانىيەنىڭ Volkswagen ماركىلىق ماشىنىسى دۇنياغا كەلگەن. گېتلىر بۇ زاۋۇتنىڭ مۇراسىمىغا قاتناشقان، گېرمانىيەلىكلەر ئامېرىكا ماشىنا شاھى ھېنرى فورتقا ناھايىتى چوقۇنىدىغان بولغاچقا، گېتلىر Volkswagen ماشىنىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق فورت بىلەن رىقابەتلەشمەكچى بولغان.
ئىز تورى www.iz.la
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!