ئەگەر سىز خۇشخۇي ئايال بولىسىڭىز ، باشقىلار سىزنىڭ جەلىپكارلىقىڭىزنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.
شادلىق گۈلى پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ، ئىللىق ئائىلىڭىزنى بېزەيدۇ . خۇشخۇيلۇق ھازىرىقى پۇرسەتنى چېڭ تۇتۇپ ، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىقنى تولۇق ئۇنتۇپ ،ئەقلىي تەجىرىبە _ ساۋاقلارنىلا بۈگۈنكى خۇشاللىقىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ ؛ ئەتىكى ئورۇنسىز غەن ئەندىشىگە يول قويماي ، بەخىتلىك ئارزۇ - ئىستەكلەرنىلا كۆڭۈل تۆرىڭىزگە باشلاپ ، كۆز ئالدىڭىزدىكى تۇرمۇشىڭىزدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالدۇرىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خۇغخۇيلۇق ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز مۇئەييەنلەشتشرۈش بولۇپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرخىل ئىش ھەركىتى ، ئوماق گەپ سۆز ، قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ . خۇشخۇي ئاياللار ھەربىر كۈننى جىمىرلاپ تۇرىغان شەبنەم تامچىلىرىدەك گۈزەل ،كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەلەيدۇ . ھەربىر كۈننى خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن پۈركىيەلەيدۇ؛
copyright by www.iz.la
خۇشخۇيلۇق كاللىڭىزنىڭ سەگەكلىكىگە باغلىق . بەدىنىڭىزنى ، ئائىلىڭىزنى ، كەسىپىڭىزنى بارلىقىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ ، مۇشۇلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولالىسىڭىزلا بۇلار ھەرقاتلام ، ھەر تەرەپلەردىن سىزنىڭ مول ،رەڭدار ئاياللىق خاندانىڭىزنى بەرپا قىلىدۇ . سىز ئۇلارنى باشقۇرىسىز ،يىتەكلەيسىز ، ئۇلارغا بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە گۈزەل ، نەپىس ، مول مەزمۇنلۇق ھايات سىمفونىيىسى ياڭرىتالايسىز . ئىز تورى بەك ياخشى
ياسىنىڭ ،خاسلىقىڭىزنى ساقلاشقا ماھىر بولۇڭ ؛ ئېرىڭىزنى ، باللىرىڭىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيۈڭ . ئەمما ، سىز ئۇلارنىڭ بارلىقى بولالمىغاندەك ، ئۇلارمۇ سىزنىڭ روھىيەت دۇنيايىڭىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالالمايدۇ . ؛ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇڭ . ئەمما ،مەستانە بولۇپ قالىماڭ ؛ ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش مۇھىتىدا خىزمەتنى ھاياتىڭىزدىكى بىر خىل ھوزۇرلىنىش دەپ قارىغىنىڭىزدىلا ، ئاندىن توختاۋسىز جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىغا ئېرىشەلەيسىز . ئىز تورى بەك ياخشى
ئەمەلىيەتتە خۇشاللىق دەل ئاشۇ ئاددى - ساددا ، ئەمما مول تۇرمۇش ئىچىدە بولىدۇ . ئۇ ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇ شېشىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ؛ ئۇ رەخىت پۇرۇچلىرى ۋە يۇڭ يىپلار بىلەن تولىغان تارىتمىلىرىڭىزغا يوشۇرۇنغان ؛ سىز تېخى ئوقوپ بولالمىغان كىتابقا يوشۇرۇنغان ؛ سىز يېزىۋاتقان ماقاللىرىڭىزنىڭ قۇر ئارلىقلىرىغا ؛ئېرىڭىزنىڭ ، باللىرىڭىزنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىگە يوشۇرۇنغان . خۇشاللىق __ ئىللىق چىراغ نۇرىدا ، ھەيۋەتلىك دەرىسخانىدا ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ماگزىنلاردا ، ئىللىق ئائىلىڭىزدە ، دەريا بويىدا ، ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا تىمتاسلىق ، مەجنۇنلۇق بىلەن سىزگە باقماقتا .
ئىز تورى www.iz.la
خۇشاللىق ھەممىمىزنىڭ يېنىدا ، خۇشاللىقىنى قولىدىن بەرمەي ، ئۇنى باخاشلىغىنىڭىزدىلا خۇشال ئايالغا ئايلىنالايسىز . خۇشخۇي ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ . خۇشخۇيلۇقتىلا مەڭگۈلۈك ياشلىق ، مۇكەممەل ئۆزلۇك ، مەڭگۈلۈك جەلىپكارلىق بولىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!