
《 ئاياللار گۈزەل بولىغانلىقى ئۈچۈنلا گۈزەل ئەمەس ، بەلكى سۆيۈملىك بولىغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر . 》 رۇسىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى لېۋ . تولىستوينىڭ بۇ سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار.
قانداق ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈك بولىدۇ ؟ رومانتىك ھېسىياتقا باي ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈك بولىدۇ ، ئەلىۋەتتە .
رومانتىك ھېسىيات _ گۈزەللىكنىڭ سىموۋۇلى . رومانتىك ھېسىياتى بولىغاچقىلا ئاياللار ئەرلىرىنى سىرتلارغا تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا ئېلىپ چىقىدۇ . بۇ ماگىزىن ئارىلاپ ئۆزىنىڭ سىرىتقى قىياپىتىنى يېڭىلاشتىن ئەھمىيەتلىك ئىش ، ئەلىۋەتتە . رومانتىك بولىغاچقىلا ئاياللار مائاشىدىن بىر قىسىمىنى چىقىرىپ مۇزىكا زالىغا ئوركېستىرلار ئورۇندىغان مۇزىكىلەرنى ئاڭلاشقا بارىدۇ . بۇ ئەتىدىن كەچكىچە تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمەي ، كىنو - تېلېۋىزىيە 《چولپان》 لىرىغا مەستانە بولىغاندىن كۆپ ياخشى . رومانتىك بولىغاچقىلا ئاياللار ئۆزىنىڭ ئوبىكتىپ مەۋجۇت بولغان گۈزەللىكىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلاندۇرالايدۇ .
ئىز تورى www.iz.la
رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە ئاياللار ئادەتتە خۇشخۇي كېلىدۇ . باشقا ئاياللار بىلەن ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن ئەزىۋەيلىشىپ يۈرمەيدۇ . ئۇلار يىراققا نەزەر سېلىپ ، كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئارزۇ - ئىستەك ۋە ئۈمىد بىلەن قارايدۇ . ئۇلار كەلگۈسىنىڭ ئۆزىلىرىدىن ناھايىتى يىراقتا ئىكەنلىكىنى ۋۈشۈنۈپ تۇرۇپمۇ ئۈمىدىنى ئۈزىمەي ، روھىنى قانات بىلەن تولدۇرۇپ ، ئەتىراپىدىكىلەرگە نۇرغۇن شادلىق ئاتا قىلالايدۇ . ئەتىرىپىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە بۇلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ _ ئاياللارنىڭ ئاشۇنداق سۆيۈملۈك بولىغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنچە گۈزەل بولىدىغانلىقىدىن سۆيىنىدۇ . www.iz.la
ھازىرىقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىمەكتە . تۇرمۇش بېسىمى ھەممە ئادەمنى غەمگە پاتۇرۇپ قويىدۇ . رومانتىك تۇيغۇغا باي ، رومانتىك كەيپىيات يارىتالايدىغان ئاياللار ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپلا قالىماي ئۆزىنى ياش كۆرسىتەلەيدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىىق گۈزەل مۇھەببەت يارىتىپ . ئۆزىنى خۇشال تۇتۇپ يۇرىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، چىرايى گۈزەل ئاياللار ھەقىقەتەن باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . ئەمما ، رومانتىك ھېسىياتقا باي ئاياللار ئۆزىنىڭ رومانتىكلىقى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . مانا بۇ كىشىنى ھەقىقى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەللىكتۇر .
ئايال كىشىنىڭ چىرايىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئەلىۋەتتە ياخشى . ئەمما ، چىراي گۈزەللىكى ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ بىردىن -بىر شەرتى بولالمايدۇ . ھېسسىيات جەھەتتە كىشىنى چەكسىز لەززەتكە سالىدىغان گۈزەللىكلا ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ تولۇقلىمىسىدۇر . ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ سىموۋۇلى . ئەمما ، ئىنسانلار ئىدىيىسى ( گۈزەللىك قارىشى _ كۆرۈش سېزىمى ، گۈزەللىكتىن ئالغان تەسىراتى ، گۈزەللىككە بولىغان چۈشەنچىسى ، گۈزەللىكنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ) نىڭ ئۈزلىكسىز يېڭىلىنپ بىرىشىغا ئەگىشىپ ، ئەرلەر ئايالاردا ئەكىس ئەتىكەن گۈزەللىك ئىپادىلىرىنى گۈزەللەككە باھا بىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىمايدىغان بولدى . ئەرلەر ھەقىقى گۈزەللەككە تەلپۈمۈش بىلەن بىرگە دىققىتىنى ھەقىقى گۈزەللىكىنى يارتىدىغان ئامىللارغا قارتىشقا باشلىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئاياللارمۇ دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشىپ ، ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ھەقىقى گۈزەللىك يارتىشى ئۈچۈن تىرشىشى كىرەك .