2008-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لى ميۇڭباك كورىيەنىڭ 17-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغان. لى ميۇڭباك 1941-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ياپونىيەدە تۇغۇلغان، كورىيەدە چوڭ بولغان. ئۇ 1992-يىلى سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان. ئۇ 2002-يىلى سېئۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. copyright by www.iz.la
1989-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ شياۋپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بوش بىلەن كۆرۈشكەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بوش بىلەن ئايالى باربارا بېيجىڭ تيەنئەنمېنغا بارغان. بۇ كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان بوش جۇڭگودا 40 نەچچە سائەت زىيارەتتە بولدى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
1975-يىلى دېڭ شياۋپىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقان.جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۆمۈر يول مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونۇم رايونلاردا يىغىن ئاچقان. دېڭ شياۋپىڭ يىغىندا «پارتىيە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسدا نۇتۇق سۆزلىگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
1933-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيە جۇڭگو مەسىلىسى توغرىلىق خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنگەن. خەلقئارا ئىتتىپاق يىغىن ئېچىپ، ياپونىيەنىڭ مانجۇرىيە قورچاق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشى خەلقئارا كېلىشىمغا ماس كەلمەيدۇ دەپ ياپونىيەنى ئەيىپلىگەن.