دوكتۇر ئېدۋارد ۋە ئۇنىڭ سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئامېرىكا خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئېدۋارد «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» دىن ئىككىنى كەشىپ قىلدى، كىشىلەر بۇ ماشىنىدىن چىققان ھورنى نەيچە ئارقىلىق سۈمۈرسىلا، يېمەكلىكنىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ. بۇ خىل سۈمۈرۈش تىپىدىكى ماشىنا قارىماققا بېلىق قاچىسىغا ئوخشايدۇ، بۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى سۇيۇقلانغان يېمەكلىكنى ھورغا ئايلاندۇرىدۇ، كىشىلەر ئەينەك نەيچە ئارقىلىق يېمەكلىك ھورىنى سۈمۈرىدۇ. ئېدۋارد مۇنداق دېدى: «لېۋاف» ناملىق بۇ «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى»-كەلگۈسىدە چىنە ۋە قوشۇق ئىشلىتىلمەيدىغان رېستۇراننى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئۆيگە كىرگەن ۋاقىتىڭىزدا، بولكىنى سۈمۈرەلەيسىز، يەنە بىر ئۆيگە كىرسىڭىز شاكىلاتنى سۈمۈرەلەيسىز، ياكى بولمىسا ئالمىنى سۈمىرەلەيسىز. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى لاۋرا ئېدۋاردنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، لىمون تەملىك قاتلىمىنى سۈمۈردى. لاۋرا مۇنداق دېدى:«باشتا ئېغىزىمنىڭ ئىچى قۇرۇپ، ئىللىق شامال كىرگەندەك بولدى، ئاستا-ئاستا ھورنىڭ ئىچىدىكى يېمەكلىكنىڭ ئاغزىمدا يىغىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەقىقەتەن مېزىلىك لىمون قاتلىمىسىنىڭ تەمىنى تېتىدىم. www.iz.la
ئېدۋارد چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھورىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن ئاز، شۇڭا بۇ «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» كىشىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇقلىتىش ماشىنىسىمۇ بولالايدۇ، يېمەكلىك ھورىنى قانچىلىك سۈمۈرىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر سەمىرمەيسىز. بۇ ماشىنا تېخى ھاراق ئىچىشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى، سىز ھاراقتىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، تېخى مەست بولمايسىز. 50 مىللىلېتىر ھاراقنى بۇ ماشىنىغا قۇيغاندا بىر چەينەك ھاراق ئىچكەندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. www.iz.la
بىراق«سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» ھازىر تېخى تولۇق پۈتۈپ بولمىدى، كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، سىز يېمەكلىك ھورىنى قانچىلىك سۈمۈرۈڭ، ھېچ بىر تويغاندەك ھېس قىلمايسىز. ئېدۋارد لېكىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بۇ ماشىنىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيادا مودا بولۇپ كېتىدىغىنىنى ئېيتتى، «سۈمۈرۈش تىپىدىكى يېمەكلىك ماشىنىسى» بۇ يىل كۈزدە فرانسىيەدە بازارغا سېلىنىدىكەن، باھاسى 890 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، قاچان ئېلىمىزغا كىرگۈزىلە؟ بىزمۇ بۇ خىل ھور ھالەتتىكى يېمەكلىكلەرنى تېتىپ باقساق.
www.iz.la