شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2011-يىللىق مائارىپ خىزمىتى ۋىدېيولۇق يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا كۆپەيگەن قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ياشلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە خىزمەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپقا كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىدىكەن. www.iz.la ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جەنۇبىي شىنجاڭدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئۇچتۇرپان، كەلپىندە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە «ئۈچنى كەچۈرۈم قىلىش، بىردە ياردەم بېرىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىدىكەن، شۇنداقلا بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىنى ئاچىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلان نىسبىتى 56:4.4گە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %53.3كە يېتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان. شىنجاڭ ھازىر «12-بەش يىل»دىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالتە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بازىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ھازىرلاش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىغان، 2-تۈركۈمدىكى بەش ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم مەكتىپى ۋە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ ئۈلگىلىك ناھىيە دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويغان، شۇنداقلا سەككىز ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى قوللىغان، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلەرنى باھالاش، نۇقتىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى باھالاش خىزمىتىنى يولغا قويغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى جاۋ دېجۇڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم مائارىپىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2011-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ۋە قەشقەر، قورغاس قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا نۇقتىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىنى ئېچىشىنى قوللىدى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى (2-قارارلىق) ۋە ئەمەلىي تەجرىبە بازىسى قۇرۇلۇشىمۇ يېقىندا يولغا قويۇلىدۇ.
مەنبە؛ http://www.uycnr.com/jy/zxxw/201102/t20110221_88313.html ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!