1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نامايىش قىلغۇچىلار دۇبلىندىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنى پارتلاتقان. سەۋەبى ئەنگلىيەنىڭ پاراشوتچى قىسمى شىمالىي ئېرلاندىيەدە 13 شىمالىي ئېرلاندىيەلىك كىشىنى ئۆلتۈرگەن.
1945-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى لېۋ تولىستوي 62 ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئاقسۆڭەڭ ئائىلىسىدىن، 1883-يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن:«1918-يىلى»، «ئاچا-سىڭىل» قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاسالىقى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ۋە ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىش جەريانى ۋە زىيالىلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى ئۆزگىرىش جەريانى سۆزلىنىدۇ.
1918-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سوۋىت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ بايرىمى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ يىلى 23-فېۋرال خەلق ئاممىسى قىزىل ئارمىيەگە كىرىشكە تىزىملىتىۋاتقاندا، قىزىل ئارمىيەنىڭ جەڭ غەلبىسى خەۋىرى يېتىپ كەلدى، دۈشمەن توسۇۋېلىندان، بۇ كۈننى خاتىرلەش ئۈچۈن، بۇ كۈن «قىزىل ئارمىيە كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن