قۇياشتەك نۇر چاچار ،غورۇرلۇق ئايال ،
ئۆزگىنى ئويلايدۇ .ئۆزىدىن- ئاۋال .
بىراۋلار بېشىغا ، كۈن چۈشسە ئەگەر ،
سايە بوپ ياشايدۇ ، قارغايدەك ئايال .
جاپادىن قاچمايدۇ ، ھەقىقى ئايال ،
قولى گۈل تىرىشچان، غۇرۇرلۇق ئايال .
مەيلى قىش –ئىسسىقتا ،ياكى بوراندا ،
قەلبىدىن نۇر تۆكەر ، مىھىرلىك ئايال .
ئائىلەم –بالام دەپ ، ياشايدۇ ئايال ،
كۈچ قۇشار ۋەتەنگە ،ئەجرىدىن ئايال .
جىسمىنى گۈلخان قىپ ، ھايات يولىدا ،
شام بۇلۇپ يانىدۇ ، تۈنلەردە ئايال .
بەزىدە كۈلىدۇ – يىغلايدۇ ئايال ،
ئاچچىقتىن ،تاتلىقنى ئىلغايدۇ ئايال . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
گەر تۇرمۇش بولسىمۇ تىكەنلىك قىياھ ،
پۇراقلىق گۈل كەبى ، ياشايدۇ ئايال .
تۇرمۇشتا ئېقىندەك – ئاقىدۇ ئايال ،
مىللەتكە رەڭ ھۆسۈن ،قاتىدۇ ئايال .
ھاياتلىق جەڭ بولسا ئاخىرى چىقماس ،
قان كېچىپ ئۆزىنى . ئاتىدۇ ئايال .
چىن –سۆيگۈ ئەلچىسى ، يىلتىزى ئايال .
پاك –تۇرمۇش قامۇسى ،بەركىتى ئايال ،
ئەر – ئايال ۋىجداننى، يەر قىلسا ئەگەر ،
قىز – ئوغول – بېشىغا، كېلىدۇ زاۋال .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!