مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جۇڭگودىكى داڭلىق يەتتە ئالىي مەكتەپ ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 33 شەھەردە 19-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تىزىمغا ئالدۇردى، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئىمتىھانغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا ئوخشاش، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 13 ئالىي مەكتەپ ۋە بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 8 ئالىي مەكتەپنىڭ بىرلەشمە مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بۈگۈن ۋە 26-فېۋرال جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىنىدۇ. ھازىرغىچە جۇڭگودىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى بار 80 نەچچە ئالىي مەكتەپنىڭ يېرىمىغا يېقىنى بىرلىشىپ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئالغان، زور بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپنىڭ بىرلىشىپ ئىمتىھان ئېلىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى «نومۇرنىلا نەزەردە تۇتىدىغان» ئەنئەنىۋى شەكىلنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ خەن مۇنداق دېدى: ئىمتىھاننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ مەشق قىلىش ئارقىلىق يېتىلدۈرگەن سۇئال ئىشلەش قابىلىيىتىنى سىناش بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال بىلىملەرنى ئىشلىتىشتىكى ئىجادىي يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى سىناش. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقى، تەسەۋۋۇر قىلىش، باھا بېرىش ۋە ئۆگىنىش قابىلىيىتى سىنىلىدۇ. ئىمتىھاندىكى سۇئاللاردا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسى ئۆرنەك قىلىنغان، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش پروگراممىسىدىكى مەزمۇنلاردىن چەتنەپ كەتمىگەن، بىراق ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە ئىجادچانلىققا قويۇلغان تەلەپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكىدىن يۇقىرى بولغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جۇڭگو 2003-يىلى زور كۆلەمدە مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى سىنىقىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ھەر قايسى مەكتەپلەر ئاساسلىقى ئۆزلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىمتىھان ئالاتتى. 2010-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بەش ئالىي مەكتەپ تۇنجى بولۇپ«بەش ئالىي مەكتەپنىڭ بىرلىشىپ ئىمتىھان ئېلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر تۇتاش سۇئال چىقىرىپ، ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلدى. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «بەش مەكتەپنىڭ بىرلىشىپ ئىمتىھان ئېلىش» غا قاتناشتى.
ئىز تورى www.iz.la
جۇڭگودىكى يەنە بىر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى-بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 13 مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ مۇستەقىل ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىتتىپاقىنى قۇردى. بېيجىڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى سەككىز ئالىي مەكتەپمۇ بىرلىشىپ، مۇستەقىل ئىمتىھان ئالىدىغان ئۈچ چوڭ ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگەللىنىشچە، بۇ قېتىمقى ئىمتىھان سۇئالى، تەشكىللىنىشى، ئىمتىھان سۇئالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا بۇ يەتتە ئۇنىۋېرسىتېت بىرلىكتە ھاۋالە قىلغان كەسپىي ئىمتىھان ئورگىنى مەسئۇل بولىدىكەن، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر ئوقۇپ جاۋاب بېرىش ۋە ماقالە يېزىش، ماتىماتىكا، تەبىئىي پەن، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت. سوئاللار بۇ يەتتە ئالىي مەكتەپنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تاللاشتىكى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!