ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

54 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخبارات فوتوچىلىقى مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن سۈرەتلەر ئېلان قىلىندى

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   11–فېۋرال ، 54–نۆۋەتلىك دۇنيا ئاخبارات فوتوچىلىقى مۇسابىقىسى ( گوللاندىيە مۇسابىقىسى ) نىڭ نەتىجىسى گوللاندىيەدە ئېلان قىلىندى .

    ھىندىستانلىق فوتوگراف ئالتاۋلې كادى 2010–يىلى 6–سېنتەبىر تارتقان بۇ سۈرەت دۇنيا ئاخبارات فوتوچىلىقى مۇسابىقىسى ( قىسقارتىلىپ گوللاندىيە مۇسابىقىسى ) دە ئاخبارات پېرسوناژى تۈرى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ ، سۈرەتتە ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى پاتاندا ، بىر قازا قىلغۇچىنىڭ تۇققانلىرىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىلگەن .

   جەنۇبىي ئافرىقىلىق فوتوگراف جوردى بىبېر تارتقان بۇ سۈرەتتىكى پېرسوناژ ‹‹ بۇرنى كېسىۋېتىلگەن ئافغانىستانلىق ئايال ئائىسە ›› بولۇپ ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئەڭ ئالىي مۇكاپات —2010–يىللىق سۈرەت مۇكاپاتىغا ۋە پورتىرىت تەسۋىرى تۈرى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .

   ئىتالىيەلىك فوتوگراف رىكاردو ۋېنتۇرى 2010–يىلى 18–يانۋار تارتقان بۇ سۈرەت ئادەتتىكى ئاخبارات تۈرى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ ، سۈرەتتە ھايتىنىڭ ئوپرىنس پورتىدىكى بەش خىل مېتال بازىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن .

   گوللاندىيەلىك فوتوگراف روئېمېرېت تارتقان ‹‹ چوڭ شەھەر ›› ناملىق بۇ سۈرەت كۈندىلىك تۇرمۇش تۈرى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ ، سۈرەتتە ھىندىسىتاندىكى كالكۇتتانىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن .

   رېيتېر ئاگېنتلىقىدا خىزمەت قىلىدىغان سومالىلىق فوتوگراف ئۆمەر فىسار 2010–يىلى 23–سېنتەبىر تارتقان بۇ سۈرەت كۈندىلىك تۇرمۇش تۈرى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ ، سۈرەتتە بىر ئەر كىشىنىڭ لەھەڭنى دۈمبىسىگە ئارتىپ سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشو كوچىسىدا كېتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن .

   ئاۋىستىرالىيەلىك فوتوگراف دانىئېل تارتقان پاكىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ سۈرەت ئاخبارات پېرسوناژى سۈرەتلەر توپلىمى تۈرى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ ، سۈرەتتە 2010–يىلى 13–سېنتەبىر ، پاكىستاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن تاشلاپ بېرىلگەن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن .

   ئاۋىستىرالىيەلىك فوتوگراف ئادام پرېتى تارتقان بۇ سۈرەت تەنتەربىيە ئاخبارات تۈرى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ ، سۈرەتتە 2010–يىلى 22–ئاۋغۇست ، ئەنگىلىيەلىك تەنھەرىكەتچى تۇماس دالىنىڭ سىنگاپوردىكى ياشلار–ئۆسمۈرلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاختىدىن سەكرەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن .

   جەنۇبىي ئافرىقىلىق فوتوگراف خوتچىنىس 2010–يىلى 6–ئىيۇل تارتقان بۇ سۈرەت تەنتەربىيە ئاخبارات تۈرى بويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ ، سۈرەتتە جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، ئوراگىۋاي ماھىرى مادىن كاسسېرېس( ئوڭدا ) گوللاندىيە ماھىرى دومى بىلەن توپ تالىشىۋاتقاندا قارشى تەرەپنى تېپىۋەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!