كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بۇنى كۆرىسەن، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئىشەنمەيمۇ ئامالىم يوق، ئىشەنمەيمەن دىسەم بۇنى يېزىشىمنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇدە... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھايات دىگەن شۇ، خاتىرىلەشكە تېگىشلىك كۈنلەرنى يېزىشقا ئادەمنىڭ قولى بارمايدۇ، بۈگۈنكىدەك مەنىسىز كۈنلەرنىڭ بولسا يېزىپ قالدۇرۇشقا ئەرزىگۈدەك يېرى يوق. ھايات پەقەتلا مۇشۇنداق ئىككى خىل، مەنىلىك كۈنلەر تولىمۇ ئازاپلىق، مەنىسىز كۈنلەر تولىمۇ دەھشەتلىك ھەم ئېچىنىشلىق...
بۈگۈن توساتتىنلا سېنى سەنلەپ سۆزلەپ قالغانلىقىمغا ھەيران قالدىم، ئىلگىرى سېنى نىمە دەپ چاقىرىدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن... ئېسىمنى يوقىتىشنى ئارزۇ قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلىشىمنىڭ مۇھىملىقىنىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمايتتى... تۇنجى قېتىم مەن قولۇمغا ئالغان قىزىل گۈل... بەلكىم ئەتىرگۈلدۇ... ئىشقىلىپ بىرخىل گۈل، لېكىن قىزىل ئىكەنلىكى ئىنتايىن ئېنىق يادىمدا... قىزىل رەڭ ئىككىلىمىزگە مۇھىم بىلىنىدۇ، بەلكىم قاننىڭ رەڭگىگە ئوخشىشىپ قالغانلىقتىندۇ...
copyright by www.iz.la