بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قايرىپ قويۇپ ھايانى،كىيگەن يوپكاڭ بىر غېرىچ،
شۇ يوپكىنىڭ ۋەجىدىن ئاران ماڭدىڭ بىر غېرىچ.
مودا قوغلاپ ئۆزۈڭچە قىلىپ باقتىڭ ھەممىنى ،
ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى كېسىپ تاڭدىڭ بىر غېرىچ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
كىيگەن كوپتاڭ بېلىڭنى ياپمىغاننى ئاز كۆرۈپ،
ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ئويۇۋالدىڭ بىر غېرىچ.
ماسلاشماق بوپ دەۋرنىڭ مودىسىغا تېخىمۇ،
پاشنىسىنى ئاياغنىڭ قىلىۋالدىڭ بىر غېرىچ.
نەدىن تاپقان پۇلكىنتاڭ ،قات- قات زەنجىر بوينۇڭدا،
بولسا ئاشۇ زەنجىرنى ئۇلاي دېدىڭ بىر غېرىچ.
نەدە شۇنداق ئادەت بار،تىرنىقىنى ئۆستۈرۈش؟
ئەپسۇس ،شۇنى پەرۋىشلەپ قىلاي دېدىڭ بىر غېرىچ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئازلىق قىلسا ناۋادا ئاتا- ئاناڭ بەرگەن پۇل،
رازى بولماي تۇمشۇقنى سوزۇۋالدىڭ بىر غېرىچ،
چىقىپ كەتكەن كېچەڭ كۆپ،ئەنسىرىتىپ چوڭلارنى،
قاۋاقخانا ،دىبادا ئۈزىۋالدىڭ بىر غېرىچ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
چاپتىڭ شۇنداق نىشانسىز،ئويلاپ قويماي زاتىڭنى،
چېكىندىڭ -يۇ، ئالغا ھېچ باسالمىدىڭ بىر غېرىچ.
گۈزەل خۇلق -ھايانى يوقىتىپ سەن،ھەي ئىسىت،
پەزىلەتنىڭ سۈيىدە ئاقالمىدىڭ بىر غېرىچ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نېمە قىلساڭ مەيلىغۇ،ئۇنۇتمىساڭ ئەسلىڭنى،
ئەيش - ئىشرەت كويىدا يوقاتمىساڭ ۋەسلىڭنى،
نادانلىققا يول ئېچىپ ،قۇرۇتمىساڭ نەسلىڭنى .
ئويلان،ھالاك بولۇشقا پەقەت قالدىڭ بىر غېرىچ. www.iz.la