1.باش پىياز سۈيىنى سۈرتۈش. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق؛باش پىيازنى سانجىپ ،سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، باشتىكى كىپەك بار جايغا سۈرتۈپ ،بىر بىر كۈندىن كىيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2.ئىلمان ئاچچىقسۇ بىلەن يۇيۇش. ئاچچىقسۇنى ئىلمان سۇغا تېمىتىپ باشنى ھەر ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم يۇسا ،كېپەكنى تۈگىتىپ، قىچىشىشنى توختىتىدۇھەم چاچنى قارايتىپ ،پارقىرتىدۇ.
3.ئىلمان زەنجىۋىل سۈيى بىلەن يۇيۇش. زەنجىۋىلنى ياپىلاقلاپ قاينىتىپ،بىر ئاز سوۋۇغاندىن كېيىن چاچقا سۈرتسە،كېپەكنى ئازايتىپلا قالماستىن،چاچنى توم ۋە پارقىراق قىلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن