كۆز خانىم-قىزلارنىڭ جەزبدارلىقىنى بىۋاستە بانايەن قىلىدىغان ئەزا. شۇنداق بولغاچقا ، كۆز گىرىمىڭىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىڭىز كېرەك ، كۆز گىرىمى ئاساسلىقى قاپاق گىرىمى سۈركەش ۋە كۆز سىزىقى سىزشىتىن ئىبارەت. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قاپاق گىرىمىنى سۈركەشتە ئاساسلىقى مۇناسىپ ئورۇننى تاللىشىڭىز كېرەك . چۈنكى، قاپاقنىڭ ئوخشاشمىغان يەرلىرىگە بېرىلىگەن گىرىمىدىن پەيدا بولىدىغان ئۈنۈم ئوخشاش بولمايدۇ، قوش قاپاقىنىڭ قاتلىقىغا قېنىق گىرىم ( قاپاق گىرىمى) ئىشىلەتكەندە كۆزىنى چوڭ كۆرسىتىدۇ . قاپاق ئويمىنىغا ئوچۇق ( يارقىن ) گىرىم قىلىغاندا ، قوش قاپاق گەۋدىلىنىدۇ . كۆزىنىڭ سىرىتىقى بۈرجىكىگە قېنىق گىرىم قىلغاندا ، كۆز شەكلى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈندۇ .
كۆز ئەتىراپنى سىزشىتكى ئاساسىي مەقسەت كۆزىنىڭ دائىرسىنى ئېنىق كۆرسىتىش، ئادەتتە ئاستىغىمۇ ، ئۈستىگىمۇ سىزلىدۇ . قاپاق ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ نېپىز تېرە بۇلۇپ ، ئۇنى سىزىشىتا ناھايتى سىيىلىق بۇلۇش ، قاپاقىنى قول بىلەن پەسكە تارتىپ تۇرۇپ سىزماسلىق كېرەك . ئۇنداق قىلىنىسا كۆز ئەتىراپىدىكى ئەۋرىشىم تېرىلەرنى ئاسانلا قورۇق بېسىپ كېتىدۇ . قەلەم تۇتقان قولىڭىزنىڭ تىتىرەپ قايتا- قايتا سىزىپ كۆز سىزىقىنىڭ توم چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، چۇقۇم جەينىكىڭىزنىڭ ئۈستىگە ياكى تامىغا تىرۋېلىشىڭىز كېرەك . ئۇنىڭىدىن باشقا ، يۈزىڭىزنى مىدىرلاتماي ، قولىڭىز بىلەن ئەينەكىنى يۇقىرى-تۆۋەن ھەركەتلەندۈرۈپ . كۆز ئەتىراپى ئۈستى توم ، ئاستى ئىنىچىكە سىزىلىدۇ ، ئادەتتە 7؛3نىسىبەتەن بۇلىدۇ. ئاستىنىقى قاپاقنى سىزغاندا ئەينەكىنى ئېگىز توغۇرلاپ ، يۇقىرىغا قاراپ تۇرۇڭ . مۇنداق قىلىسىڭىز قاپقىڭىزنى پەسكە تارتىشىنىڭ ھاجىتى يوق . سىزىقىمۇ ناھايىتى تەبئىي چىقىدۇ . كۆز قەلەمىنىڭ ئۇچى يۇملاق ، سىيىلىق ئۇچلاشقا دىققەت قىلىڭ . ئەگەر سىزىقىنى قەلەم ئۇچىنىڭ يېنى بىلەن سىزىڭ. ئۈستۈنكى قاپاقىنى سىزىغاندا ئەينەكنى پەسكە توغىرلاپ قاراڭ . بۇنداق بولغاندا قاپقىڭىزنىڭ پەسكە قارىغان جىيىكىگە سىزغلى بۇلىدۇ . كىشىلەر ئادەتتە كۆزىنى يۇمىۋالغان چاغدىكى گىرىم ئۈنۈمىگە سەل قاراپ كۆزى ئوچۇق تۇرىغاندا چىرايلىق كۆرۈنسىلا بولدىغۇ، دەيدۇ ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، باشقىلار كۆزىڭىزنىڭ ئوچۇق تۇرغان ھالتىنىمۇ، يۇمۇق ھالىتىمىۇ كۆرۈندۇ .
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە؛ گىرىم قىلىش سەنئىتى