چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەرپات بولمايدۇ

ۋاقتى:2011-01-24 11:20مەنبە: يوللىغۇچى:گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ
«بەربات بولغان مۇھەببەت» تىن تۇغۇلغان پىكىرلەر
 جېلىل ئاۋۇت
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   رەيھان ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ياخشى كۆرۈشكەن يىگىتى رەپقەتنى بەش يىل كېتىدۇ. رەپقەت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن«كەسپ ئۈچۈن»ئۆزى« ياخشى كۆرگەن»قىز رەيھاننى،ياشىنىپ قالغان ئانىسىنى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە كېتىدۇ. رەيھان ئۆزىنىڭ رەپقەتكە قىلغان ئەقىدىسىگە زار-زار يىغلاپ خېلىل بىلەن توي قىلىدۇ. رەپقەت ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن سانىيە(رەپقەتنىڭ يەنە بىر« مۇھەببەت»ى)نىڭ دادىسىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن مىڭ تەستە ئورۇنلاشقان خىزمەت ئورنىدىن ھېچبىر سەۋەپسىزلا ۋاز كېچىپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە رەيھاننىڭ توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا كۆرۈشۈش ھەققىدە خەت كىرگۈزىدۇ. خېلىل ئايالى بىلەن رەپقەتنىڭ چاتقاللىقتا خۇپىيانە كۆرۈشكەنلىكىدىن غەزەپلىنىپ ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقاندا ھادىسىگە ئۇچراپ يېزا دوختۇرخانىسىدا رەپقەتنىڭ قولىدا جان ئۈزىدۇ. رەيھان دەريا بويىدا تۇرغاندا رەپقەت تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ئۇنى ئۆلۈۋېلىشتىن توسۇپ قالىدۇ. مانا بۇ تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيسى ئىشلىگەن ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى«بەربات بولغان مۇھەببەت»نىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى.

www.iz.la

    مەن بۇ پىلاستىنكىنى بىرنەچچە قېتىم ياندۇرۇپ كۆرگەن بولساممۇ كىم بىلەن كىمنىڭ «مۇھەببەت»نىڭ بەربات بولغانلىقى زادىلا بىلەلمىدىم. بۇ تېلېفىلىمنى كۆرگەن باشقا كىشىلەردىن سورىسام، ئۇلارمۇ ئېيتىپ بېرەلمىدى. فىلىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا سېنارىست رەپقەت بىلەن رەيھان ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نىسبى ھالدىكى ئاخىرلىشىشىنى مۇھەببەتنىڭ بەربات بولۇشى دېمەكچى بولسا كېرەك. رەيھاننىڭ رەپقەتنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن، رەپقەتنىڭ رەيھاننى ياخشى كۆرۈشى ھەم تۇراقسىز ھەم چىن ئەمەس. رەپقەت رەيھاننى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن بولسا، ئۇنى خېلىلغا «تارتقۇزۇپ»قويماي،ئەلچى كىرگۈزۈپ، نىكاھلاپ ئەمرىگە ئېلىشى تامامەن مۇمكىن بولاتتى. لېكىن، رەپقەت خېلىلنىڭ رەيھانغا ئەلچى كىرگۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنىلا بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ.( ئەمەلىيەتتە رەپقەت رەيھاننىمۇ،سانىيەنىمۇ،ئانىسىنىمۇ، يۇرتىنىمۇ، كەسپىنىمۇ ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇنىڭ ھېچنىمىگە ھەقىقىي مۇھەببىتى يوق.) شۇنىڭ بىلەن رەيھان ئاتا-ئانىسىغا قارشىلىق كۆرسەتمەيلا خېلىل بىلەن توي قىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    بۇلاردىن قارىغاندا رەپقەت بىلەن رەيھاننى يۈرىۋاتقانلار دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇھەببەت دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇ ھالدا بىرىنچىدىن، قىلچە ساختىلىق، دېلىغۇللۇق ۋە سەمىمىيەتسىزلىكىنى كۆتەرمەيدىغان چىن مەنىدىكى مۇھەببەت دېگەن بۇ ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس ھېس-تۇيغۇنىڭ يۈكسەكلىكىنى بىراقلا چۈشۈرىۋېتىمىز؛ ئىككىنچىدىن، خېلىل قازا قىلغاندىن كېيىن رەپقەت بىلەن رەيھاننىڭ «مۇھەببەت»ى بەربات بولماستىن، ئەكسىچە پۇرسەتكە ئېرىشكەن بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر، بەربات بولغىنى خېلىل بىلەن رەيھاننىڭ مۇھەببىتى دەپ قارىساق،يەنە يېڭىلىشىپ قالىمىز. رەيھان خېلىلنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇ رەپقەت ئاتالمىش«كەسىپ» ئۈچۈن ئۆزىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە بېرىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا رەپقەتكە ئاچچىق قىلىپ خېلىل بىلەن توي قىلدى ھەم ئۇنىڭدىن خۇپىيانە ھالدا رەپقەت بىلەن كۆرۈشتى. خېلىلنىڭمۇ رەيھاننى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىى خېلىلنىڭ رەيھاننى ساۋىغان قامچىسىدىن مەلۇم. ناۋادا ياخشى كۆرۈشمەيدىغان ئەر- ئاياللار ئوتتۇرسىدىمۇ مۇھەببەت بولىدۇ دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا يەنە خېلىلنىڭ قازا قىلىشىنى مۇھەببەتنىڭ بەربات بولۇشى دىيىشكە ئاساسىمىز يوق. www.iz.la
   روخسارىنىڭ راك كېسىلىدە،رەسسام يىگىتنىڭ تېتانكتا قازا قىلىپ كېتىشى بىلەن خەمىت ۋە روخسارى،رەسسام يىگىت ۋە ئۇنىڭ سۆيگىنى ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بەربات بولدىمۇ؟ ياق! مەن چۈشىندىغان چىن مۇھەببەتتە ئازاپ، جۇدالىق، ھىجران،مۇرادىغا يېتەلمەسلىك دېگەن سۆزلەر مەۋجۇت؛ بەربات بولۇش دېگەن سۆز قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس. نىكاھ، ئەقىدە، ئارزۇ، ئىشەنچ، ساختا مۇھەببەت...قاتارلىقلار زامان بورانلىرىدا بەربات بولۇپ توزۇپ كېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ.لېكىن، ھەقىقىي چىن مۇھەببەتنى توپان بالاسىمۇ، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىمۇ بەربات قىلىۋېتەلمەيدۇ. ئۆلۈم ياكى جۇدالىق بىلەن مۇھەببەت بەربات بولىدىغان ئىش بولسا، تاھىر زۆھرە ئۈچۈن، پەرھات شىرىن ئۈچۈن،مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،فىتوفى...ئەل- ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بېرەرمىدى! ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
   ئەجداتلىرىمىز«جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس»دەرمىدى! سۆزۈمنى يىغىنچاقلىسام، «بەربات بولغان مۇھەببەت»دېگەن بۇ تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا مۇھەببەت دەپ قارىغۇدەك ھېچنىمە يوق . ھەقىقەتەنمۇ ھازىر جەمىيىتىمىزدە قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدا بىر مەزگىل سىنىشىپ يۈرۈپ بېقىپ ، كېيىن بىرسى- بىرسىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەي ياكى ئەرزىمەس بىر سەۋەپ بىلەن ئادا- جۇدا بولىدىغان ئىشلار ساماندەك تولا. بۇلارنى شۇ پېتىلا مۇھەببەت دەپ كۆتىرىپ چىقساق، قانداقمۇ سەنئەتنىڭ يۈكسەكلىكىدىن، ئېستېتىك قىممىتىدىن ۋە ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش رولىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
     مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆلمەس ۋە كەڭ دائىرلىك تېما. ئۇ يالغۇز قىز- يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىلا بولمايدۇ. ئۇرۇق- تۇغقان، ئۇستاز-شاگىرت، ئەل- ۋەتەن، ئادەم بىلەن تەبىئەت ، ئادەم بىلەن ئىلىم-پەن ئوتتۇرسىدىمۇ مۇھەببەت بولىدۇ. مۇھەببەت يەنە ئىرادىسىز، بوشاڭ ئادەملەرنى خورلۇققا،چۈشكۈنلىككە، ھالاكەتكە دۇچار قىلىدۇ. قەيسەر ئادەملەر مۇھەببەتتىن چەكسىز كۈچ- قۇۋۋەت، جاسارەتكە ئېرىشىدۇ. مەن بىلىدىغان نوبىل،ئېينىشتېيىن قاتارلىق خېلى نۇرغۇن غەرب ئالىملىرى مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، بۇ ئازاپنى ئۇنتۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلىم-پەن بىلەن بىلەن شۇغۇللىنىپ ،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مۇھاببىتىگە ئېرىشكەن.
www.iz.la

    ئەمدى بىزدىكى ئەھۋالچۇ؟ بىزدە مۇھەببەت-نىكاھدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغان يىگىتلەر «دەردى» ئۈچۈن ئىچىپ-چىكىپ ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغان بولسا،قىز-ئاياللار ئۆلۈۋېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يازغۇچى- سىنارستلار بۇ مەسلىگىمۇ دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە،ئېكراندىكى يىغا-زارىنى ئازايتىش، ھىندىستان كىنولىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇر كىنولىرىدىمۇ جەڭگىۋارلىق، ئۈمىدۋارلىق روھى بولۇش كېرەك. بولسا قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بىلەن كەسىپتىكى مۇۋەپىقىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. سىنارستلىرىمىزنىڭ مۇھەببەت تېمىسىدا قەلەم تەۋرەتكەندە «تېتانك»،«مەڭگۈلۈك مۇھەببەت»،«ۋاپادار ئايال»، «كىيورى خانىم»، «سۇنجۇڭ شەن»گە ئوخشاش مۇھەببەت تېمىسىدىكى نادىر كىنو-تېلىۋېزىيە فىلىملىرىدىكى ياخشى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ،«بۇ چۈش ئەمەس»،«ئۆچكەن يۇلتۇز»،«چىن سۆيگۈ»گە ئوخشاش يۇقىرى ئېستېتىك قىممەتكە ۋە بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور سىناريىلەرنى ئىجات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇھەببەت قەدىمدىن تارتىپ يەر شارىدىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان دۇنياۋى ئۇقۇم. خۇددى «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» فىلىمىنىڭ بىر ناخشىسىدا «تۈگەيدۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە قۇرۇپ، قالىدۇ پەقەتلا پاك مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بولۇپ»دېيىلگەندەك، ھەرقانداق زامان، ھەرقانداق ماكاندا چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 باي ناھىيە توقسۇن يېزا 2007-يىل5-ئاي www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە

    ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى بىر چەمبەرگە ئوخشاش، چۈنكى ئۇنىڭ مەركەزدىن قېچىش دەرىجىسى مەڭگۈ نۆل. ساڭا بولغان سېغىنىشىم بولسا دەۋرىي سانغا ئوخشايدۇ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىدۇ. نۆل ۋېكتورنىڭ يۆنىلىشى چەكسىز كۆپ بولالىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇنلىقى پ...

  • ئۆتەڭ دۇنيادا

    سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھمۇ ؟ سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھ بولسا مەن بۇ ھاياتتمىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنى ۋە ئەڭ ئەخمەق ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلمەن ... سەن بىلەن ۋىسالىمغا يىتىش بۇ ئۆتەڭدۇنيادىكىئەڭ چوڭ ئارۇزۇلىرىمنىڭ بىرسى....... ساڭا بولغان پاك مۇھەبتىنم بۇ ئۆتەڭ...

  • خىلۋھ ت سۆيگۈ (ئىمكان)

    خىلۋەت سۆيگۈ مەن يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن چاغدا ئارزۇيۇمدىكىدەك كومپىيوتېر تور خىزمىتىگە ئۇرۇنلاشتىم، بىكار چاغلىرىمدا تور ئارىلاپ تۇراتتىم، بىر كۈنى بىر مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئەسەرگە قىززىقىپ قالدىم، بۇ قىزىقىشنىڭ ئاخىرىدا مىنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغى...

  • مـــەۋھــۇم سۈكــــۈت

    داستىخان راستلاپ سۈكۈتتىن چىللىغان نامەرد ئۆزۈڭ، يوق ئىكەن بۇغداي نېنىڭمۇ ،يوقمىدى بۇغداي سۆزۈڭ؟ كۆزلەرىڭگە تەلمۈرۈپ ئاۋارە بولدى دېققىتىم ، نەئۈچۈن مۈشكۈل مۇئەمما ياغدۇرار بىرجۈپ كۆزۈڭ؟ كەپتىمەن ھۆسنۈڭدىكى مەۋھۈم سۈكۈتكە ئۈلگۈرۈپ ، ھېچقاچان مۇنداق پەرىشا...

  • ئازاپلىق سويگۈ

    1...

  • تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،

    تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ، ياشاپ كەلدىم ئۈنسىز ياش تۈكۈپ. كۈرۈشۈشنى ئىستەپ سەن بىلەن، قاچانغىچە ياشايمەن كۈتۈپ. تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ، ياشاپ كەلدىم سەندىن ساداسىز. كەلگەن ئىدۇق شۇنچە يىراقتىن، بۇپ قالمايلى ئەمدى ۋاپاسىز. تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،...

  • سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ(ئابىدە)

    ئۆخشار ئىدىم قاينام بۇلاققا، ئۆخشاپ قالدىم ئوكيان دىڭىزغا، شۇنداق تىنىچ ياشىدىم نىمىشقا؟ سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ. يۇلتۇزلا گەر تۇرسىمۇ ماراپ، ئۆتەر كۇنۇم ئايغىلا قاراپ. بۇ ھالىم ساڭا قالارمۇ ياراپ. يۇرىكىم بۇچۇق، دەرتلىرىڭ تالاپ. ئۇيىلىمەن تىكىلىپ قا...

  • ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش

    ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش...

  • قىزنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈل

    مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز تەتىلدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبقا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى جەنۇبتا بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن پۇلدار مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشلەر ئىكەن. قىز ئۇ يەرگە بېرىپ شۇنچىلىك خۇشال - خۇرام ۋە بەختىيار ئو...

  • ئۇنتۇش

    ئۇنتۇش سۆيۈشنىڭ ئاخىرقى مەھشەر كۈنىدەك، ئېڭرايدۇ ئاچلىقتىن نېمجان بۇلاقلار. قىز-يىگىت چاڭ سالماس ئەمدى بۇ يەردە، يوقالدى باغلاردىن يېشىل ياپراقلار. بۇ كىچە بۇ ئالەم شۇنچىلىك سوغۇق، تەنھالىق ھاياتنى قاناتتى يەنە. ئەتىرگۈل رەڭگىدىن سۇسلاشتى بۇ دەم، خوش!دېدۇ...