كىشىلىك تۇرمۇشقا ئەمدىلا قەدەم قويۇۋاتقان بەزى قىزلار يۇقىرىقىدەك سوئاللار ئالدىدا گاڭگىراپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ. يەنە بەزىلىرى قارشى تەرەپنىڭ دوستلۇق ئۈچۈن قىلغانلىرىنى مۇھەببەت دەپ خاتا چۈشىنىۋىلىپ،بىھۇدە كۆڭۇل ئاغرىقى تېپىۋالىدۇ.بەزى قىزلار بولسا قارشى تەرەپ ئىپادىلەۋاتقان مۇھەببەت ئۇچۇرلىرىنى دوستلۇق دەپ قاراپ،كۆڭۇلدىكىدەك ياخشى بىر لايىقتىن مەھرۇم بولۇپ ھەسرەت چېكىدۇ،بەزىدە قىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە دوستلۇق بىلەن مۇھەببەت پەرق ئەتكۈسىز دەرىجىدە سىڭىشىپ كېتىدۇ.شۇنداقتىمۇ دوستلۇق مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ،لېكىن مۇھەببەت دوستلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداق بولسا،قىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ دوستلۇق ياكى مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى قانداقپەرقلەندۇرۇش كېرەك؟ ئىز تورى www.iz.la
ئەي قىز،سىز ئۇنىڭ بىلەن دوستمۇ ياكى ئۇنىڭغا ئاشىقمۇ؟ ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن دوست بولسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا كۈنلىرىڭىز ناھايىتى خوشال ئۆتىدۇ؛قانداقلا جاي بولمىسۇن ئۇلا بولىدىكەن،سىزگە زېرىكىشلىك بىلىنمەيدۇ؛سىز ئۇچۈن ئۇبىر سىرداش دوست،ئۇنىڭغا ئىچ قارنىڭىزدىكى بارلىق ئەلەملىرىڭىزنى تارتىنماي تۆكەلەيسىز؛ تولا چاغلاردا ئىككىڭلارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقىدۇ،قىزھەۋىسىڭلار،ھېس تۇيغۇ، چۈشەنچەڭلار كۆپىنچە ئوخشاش بولىدۇ؛كۆپىنچە ھاللاردا بىربىرىڭلارغا ھەمدەمدە بولىسىلەر.ئەگەر سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز سىز قەلبىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنىڭغاباغلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز،ئۇنى كۆرمىگەن چېغىڭىزدا يۈرىكىڭىز تىنىمسىز تېپىرلاپ،ئۇنى كۆرۇشكە تەشنا تەقەززا بولىسىز؛ئۇنى كۆرگەن چېغىڭىزدىلا كۆڭلىڭىز ئارامىغا چۈشۇپ،شادلىنىپ كېتىسىز؛ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى تېلىفون كەلسىكەن دەپ تىلەپ كېتىسىز،تېلىۋىزور،كىنو كۆرۇپئولتۇرۇپ،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىسىز؛كىيىنىش ياسىنىشلىرىڭىزنى،گەپ سۆز.يۈرۇش تۇرۇشلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا ياققۇدەك قىلىپ ئۆزگەرتىسز؛ئۇنىڭ كەمچىلىك نۇقسانلىرى سىزگە ئارتۇقچىلىق بولۇپ كۆرۇنىدۇ؛ئۇنىڭ خوشاللىقى سىزنىڭ قايغۇ ئەلىمىڭىز بولىدۇ؛ئۇ سىزدىن باشقا قىزلار بىلەن ئارىلاشسا ياكى ئالاقە قىلسا، ھەسەتخورلۇقىڭىز تۇتۇپ،يۈرەكلىرىڭىز مۇجۇلغاندەك بولۇپ كېتىسىز،ئۇنى ئۆزۇمگە قارىتىۋالسام، ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت مەنلا بولسام دەپ ئويلايسىز،ئۇ ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرى ئاغرىق سىلاق تارتىپ قالسا،تىت -تىت بولىسىز ۋە داۋاملىق يوقلاپ تۇرىسىز.ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلى سىزگە چۈشمىگەن بولسا سىز بىلەن ئۇچرىشىشقا ئۆزىنى ئانچە ئۇرۇپ كەتمەيدۇ؛ئۇچرىشىپ قالساڭلارمۇ گەپ - سۆزۇڭلار تېزلا تۈگەپ،سالام - ساھەت قىلىش بىلەنلاتاماملىنىدۇ؛ تېلىفون نومۇرىڭىز ۋە ئادېرسىڭىز قاتارلىقلارنى سورىمايدۇ،سورىغان تەقدىردىمۇ ئوڭايلا ئۇنتۇپ قالىدۇ؛ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ۋە باشقا مۇھىم بايراملارنى ئېسىدىن چىقىرىپقويىدۇ؛سىزگە ئانچە بەك سوۋغات بېرىپ كەتمەيدۇ،بەرسىمۇ ئەرزان سوۋغات بېرىدۇ؛ئاتا - ئانىسى،ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئەل - ئاغىنىلىرى توغرۇلۇق سىزگە ئانچە بەك كۆپ ئېغىز ئاچمايدۇ؛سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە،خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىڭىزغا ئانچە بەك كۆڭۇل بۆلۇپ كەتمەيدۇ.ئەگەر ئۇ سىزنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا ئۇ ئەتراپىڭىزدىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ،ئۇنىڭ بىلەن تولا ئۇچرىشىپ قېلىشىڭىز ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق بولماستىن،بەلكى ئۇنىڭ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىن بولغان؛ پۇرسەت بولسىلا ئۇ سىزنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرىدۇ؛سىزنىڭ تېلېفوننومۇرىڭىزنى،ئادېرسىڭىزنى بىلىشكە بەك قىزىقىدۇ؛سىزنىڭ يۇرۇش - تۇرۇش،كىيىنىشلىرىڭىزگە بەكرەك دىققەت قىلىدۇ، بۈگۇنى چېچىڭىزنىڭ پاسونىنى ماختىسا،ئەتىسى كيىملىرىڭىزنى ماختايدۇ؛باشقا ئوغۇللار بىلەن قويۇقراق ئارلىشىپ ئۆتسىڭىز، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ ئاچچىق بولىۋاتقانلىقىمانامەن دەپلا بىلىنىپ قالىدۇ؛ سىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلىڭىز ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ سىزگە چىرايلىق كۆرۇنۇش ئۇچۈن ئۆزىنى تېخىمۇ تۈزەپ يۈرىدىغان بولىدۇ؛ھەرخىل باھانە - سەۋەبلەر بىلەن سىزگە سوۋغات بېرىپ تۇرىدۇ؛ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ۋە ئىككىڭلار تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان كۈننى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛سىزنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان بەزىبىر كىچىك ئارزۇ - تىلەكلىرىڭىزگە يەتكۈزۈپ،سىزنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتىدۇ؛بىرەر ئىش بىلەن باشقا يەرگە كەتكەندە،سىزگە ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېفون بېرىپ تۇرىدۇ ۋەەسوۋغات ئالغاچ كېلىدۇ. (يىگىتلەرگە نىسبەتەن) ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى بارمۇ - يوق؟ ئەگەر ئۇ سىزنى دوست دەپ قارىغان بولسا سىزنڭ يىقىنچىلىقلىرىڭىز ۋە ماختاشلىرىڭىزدىن ئۇئانچە ھەيران قالمايدۇ؛سىز بىلەن بىرگە تاماققا چىققاندا ياكى باشقا ئىشلاردا پۇلنى ئۆزىتۆلەيدۇ ؛سىزنىڭ سوۋغىتىڭىزنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدۇ؛ ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىز بارلىقىنى بىلدۇرمەكچى بولغىنىڭىزدا،"ئىككىمىز ياخشى دوست" دېگەندەك گەپلەر بىلەن تېمىنى باشقا ياققا بۇرىۋېتىدۇ؛ئۇنىڭغا يازغان مۇھەببەت خېتىڭىز سۇغا چۇشكەن تاشتەكلا يوقاپ جاۋاپسىز قالىدۇ، قايتا كۆرۈشۈشكە چاقىرسىڭىز پەقەت ئۇنىمايدۇ ياكى ئۆزىنى سىزدىن ئەتەي قاچۇرىدۇ ئەگەر ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى چۇشۇپ قالغان بولسا سىزنىڭ ئىش -ھەركەتلىرىڭىز ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن،چاقچاق قىلىپ ئېيتقان بىر ئېغىز گېپىڭىز ئۇنى يىغلىتىۋېتەلەيدۇ ياكىئۇنى بىر ماختاپ قويسىڭىز، بىر كۈن كەچكىچە خۇشال يۈرگىنى يۇرگەن؛ ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە سوۋغا قىلسىڭىز، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە سوۋغىتىڭىزنى سوۋغا بىلەن قايتۇرىدۇ؛ مۇھەببەت خېتىڭىزگە جاۋاپ قايتۇرمىغىنى بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئۇچراشقىنىڭىزدا ئۆزىنى ھەرگىز سىزدىنئېلىپ قاچمايدۇ؛ كىنو كۆرۇش، ئولتۇرۇش دېگەندەك ئىشلارغا تەكلىپ قىلسىڭىز تارتىنىپراق ماقۇل بولىدۇ؛ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن سىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ؛ خىزمىتىڭىزگە،ئۆيىڭىزدىكىلەرگە ۋەباشقا ئىشلىرىڭىزغا كۆڭۇل بۆلۇپلا تۇرىدۇ؛ بەزى ئىشلارنى دېمىسىڭىزمۇقىلىشىپ بېرىدۇ؛ سىز بار سورۇنلاردا دائىم رەتلىك،چىرايلىق كيىنىدۇ؛ ئىككىڭلار بىللە بولغانچېغىڭلاردا گەرچە سىز گەپقىلمىسىڭىزمۇ، ھەر ئىككىڭلارنىڭ قەلبى شېرىن ۋە گۈزەل ھېس - تۇيغۇغا چۆمىدۇ. قىسقىسى،دوستلۇق بىلەن مۇھەببەت ھەم بىر - بىرىگە باغلىنىشلىق،ھەم بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدىغانئككى خىل ھېسىيات.قىز - ئوغۇللار ئارىسىدىكى دوستلۇق بەزىدە تەرەققى قىلىپ مۇھەببەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.شۇنداقلا،پاراللېل تۇز سىزىقلار مەڭگۈ بىر - بىرى بىلەن كېسىشمىگەندەك،قىز - ئوغۇللار ئارىسىدىكى دوستلۇق مەڭگۈ مۇھەببەتكە ئايلىنالماسلىقىمۇ مۇمكىن.