خىلۋھ ت سۆيگۈ (ئىمكان)

ۋاقتى:2010-09-18 02:42مەنبە: يوللىغۇچى:شاھنىياز چېكىلىشى:قىتىم
  

خىلۋەت سۆيگۈ

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!



مەن يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن چاغدا ئارزۇيۇمدىكىدەك كومپىيوتېر تور خىزمىتىگە ئۇرۇنلاشتىم، بىكار چاغلىرىمدا تور ئارىلاپ تۇراتتىم، بىر كۈنى بىر مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئەسەرگە قىززىقىپ قالدىم، بۇ قىزىقىشنىڭ ئاخىرىدا مىنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى كىم بىلسۇن. مەن ئاشۇ ئەسەرنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تامىقىمنى يەپلا بىر كېچە كۆزۈمنى يۇمماي تاڭغا يىقىن ئاران ئوقۇپ تۈگىتىپ بولدۇم. بۇ ئەسەر ئەسلى باشقا مۇنبەردە بۇرۇن كۆرۈلۈپ بولغان، بۇ مۇنبەرگە باشقا ئەزا تەرىپىدىن قايتىدىن يوللانغان ئەسەركەن، بۇنى كېيىن يوللىغان ئەزا بۇرۇنقى ئەزانىڭ نامى ئىسىمى بىلەن ئەزالىق ئىسمىنى ئەسكەرتىپ قويغانىكەن، ئەسەرنىڭ ئاپتورى بىلەن بىر يۈزلىشەلمىسەممۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر سىردىشىپ بېقىش ئويى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بارماقتا ئىدى، سەن بىلەن قانداق تۇنۇشقانلىقىمىز ھېلىمۇ ئېسىڭدىمۇ؟ شۇ كۈنى مىنىڭ تورخانا ئاچىدىغان دوستلىرىم ماڭا بىر چايخانىنىڭ ئادىرىسىنى تېلىفۇنۇمغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەردى، بۇ چايخانىدا مەن خېلىدىن بۇيان ئىزدەپ يۈرگەن ھېلىقى ئەزانىڭ نامى بىلەن تىزىملاتقان سىنىڭ ئىسمىڭغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، مەن تېخى سىنى ئاشۇ ئەزا دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، سەن شۇ چاغدا ئۆزۈڭنىڭ ئۇ ئەزا ئەمەسلىكىڭنى، چايخانىدىكى ناتۇنۇش ئوغۇللارنىڭ ساڭا تولا خەت يېزىپ ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئويلىمايلا مۇشۇ ئىسىم بىلەن تىزىملاتقانلىقىڭنى ئېيىتتىڭ، ئەمما سەن بىلەن شۇ كۈنى مۇنبەر، ئەسەر، ئەزا توغرىسىدا خېلى پاراڭلاشتۇق، كېيىنكى كۈنلەردە تېلىفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشتۇق، مەن ھازىر مەن ئەزا بولغان مۇنبەردە سېنىڭ بۇرۇنقى تاقىلىپ كەتكەن مۇنبەردىكى مۇنبەرداشلىرىڭنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ سىنى قايتا مۇنبەرگە باشلاپ كىردىم، ئۆزۈممۇ بىلىپ-بىلمەيلا ساڭا كۈنۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بىرەر كۈن سەن بىلەن كۆرۈشمىسەم (تېلىفۇن ياكى توردا) كۆڭلۈمنىڭ بىر يىرى بىئارام بولۇپ غەشلىك ئىچىدە ئۆتەتتىم، كېيىنكى كۈنلەردە سەن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا بارىدىغانلىقىڭنى ئېيتقان چېغىڭدا مەن بىر تەرەپتىن قاتتىق خۇشال بولغان بولساممۇ يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم يېرىم بولدى، نىمىشقىكىن سېنى كۆرگۈملا كېلەتتى، سەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ ماڭغۇم كىلەتتى، سېنىڭدىن ئايرىلىپ ياشاشنىڭ مەن ئۈچۈن خېلى قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلىشقا باشدىم، بىلەمسەن سەن ھېلىقى كۈنى مىنى كامىرا ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇپ تاققا-تۇققا گەپ قىلغان چاغدا ساڭا كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن سەندە ماڭا نىسبەتەن خاتا تۇنۇش ھاسىل بولۇپ قالمىسۇن، مىنى نەزىرىدىن چۈشۈرۋەتمىسۇن، دىگەن ئوي بىلەن ساڭا كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، سەن ئوقۇشقا بارىدىغانلىقىڭنى ئېيتىپ بىرەر ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ماڭا ئەمدى ئوقۇشقا ماڭغۇچە ئارلىقتا ئىشلىمەي ئۆيگە قايتىپ بىكار تۇرىدىغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ، بۇمۇ مەن ئۈچۈن ئېيتقان چاغدا چوڭ بولمىسىمۇ بىر بېسىم بولدى، سەن بىلەن توردا كۆرۈشۈش قىيىنغا توختايتى، سىنىڭ تېلىفۇنۇمنى ئالمىغىنىڭنى بۇرۇن ھېچقانداق ئويلىمىغان بولسام ئەمدى ساڭا ئۇرغان تېلىفۇنۇم ئېلىنمىسا ياكى ساڭا يازغا ئۇچۇرۇم جاۋاپسىز قالسا مەن ساڭا قايتا تېلىفۇن ئۇرۇشقا ياكى ئۇچۇر يوللاشقا ناھايتى ئىككىلىنەتتىم، سىنىڭ نۇمۇرىڭنى نەچچە قېتىم بېسىپ بولۇپ ئاندىن ئۇراتتىم، يا ئىختىيارسىزلا سىنىڭ نۇمۇرۇڭغا ئۇرۇپ سالاتتىم، بىلەمسەن شۇ چاغدا سىنىڭ ھەر بىر ئالمىغان تېلىفۇنۇڭ ئۈچۈن 10 ئاھ ئۇرسام، ھەر بىر قايتۇرۇلمىغان ئۇچۇر ئۈچۈن يۈز ئاھ ئۇراتتىم، بۇنداق چاغلارادا ماڭا بەزىدە تاماق يىيىشمۇ خوشياقماي نەچچە رەت ئالدىمغا چىقىپ بولغان تاماقنى يىمەي چىقىپ كەتتىم، سەن ئوقۇشقا ماڭىدىغانغا ئاز قالغان چاغلاردا مىنىڭ ئۇيقۇممۇ ئازلاپ كىتىپ بارماقتا ئىدى، سەن مەكتەپكە ماڭىدىغانغا ئازلا قالغاندا مەن ساڭا مەندىكى بۇ ئەندىشىلەرنى ئېيتتىم، سەن ماڭا ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن مىنى ئىزلەيدىغىنىڭنى ئېيتقان بولساڭمۇ مىنىڭ كۆڭلۈم نىمىشقىدۇ بىر قىسىمىلا يۈرمەكتە ئىدىم. سەن ئوقۇشقا ماڭىدىغانغا ئۈچ كۈن قالغان چاغدا مەن سىنىڭ ئۇچۇرىمنى ئۇچۇرسىز، تېلىفۇنۇمنى جاۋاپسىز قالدۇرغىنىڭدا مىنىڭ كۆڭلۈمنىڭ يېرىم بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم، سەن ماڭا ئۇچۇرىمنى ئۇچۇرسىز، تېلىفۇنۇمنى جاۋاپسىز قويمايدىغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ ئەمما ئەتسىلا مەن قىلغان ساناقسىز تېلىفۇنلار يەنە جاۋاپسىز، ئۇچۇرلىرىم ئۇچۇرسىز قالدى. سىنى «ئىشى چىقىپ قالغان بولسا. ئالمىغاندۇ ياكى ئالدىراشتۇ، ۋەياكى تېلىفۇننى مەلۇم بىر جايدا قويۇپ قۇيۇپ چىقىپ كەتكەن بولسا قايتىپ كىرىپ تېلىفۇن قايتۇرىشى مۇمكىن» دىگەن ئۈمىد بىلەن كەچكىچە ساقلىدىم، ئۈزۈلدۈرمەي تېلىفۇن قىلدىم. مىڭ ئەپسۇس بۇ ئۈمىدلىدرىم كۈننىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ كۈن بىلەن تەڭ پاتماقتا ئىدى، بۇ ئۈمىدىنىڭ ئەتە يەنە پارلاپ چىقىدىغانلىقىغا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمىدى، شۇنداق، ... قاتتىق ئازاپلاندىم، كىچە ئۇيقۇم كەلمەي قانچە قېتىملاپ سرتقا چىقىپ تاماكا چەككىنىمنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ شۇ كۈنى كەچ كىرگەندە ئالغان تاماكا تاڭ ئاتقاندا تۈگەپ كىتىپتۇ. سەن ئوقۇشقا ماڭىدىغان كۈنى يۈز قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرغان تېلىفۇنىڭ ھەممىسىدىلا ئوخشاش بىر ئاۋاز «كەچۈرۈڭ سىز ئۇرغان ئابونتنىڭ تېلىفۇنى ئىتىۋىتىلگەن» مەن قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قايتا-قايتا ئۇردۇم، لىكىن يەنىلا شۇ ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بەلكىم تېلىفۇننىڭ توكى تۈگەپ كەتكەندۇ دىگەن خىيال بىلەن ساڭا قايتا-قايتىلاپ تېلىفۇن قىلىۋاتىمەن، بىراق ھەممە قېتىمدا شۇ ئوخشاش بىرلا ئاۋاز «كەچۈرۈڭ سىز ئۇرغان ئابونتنىڭ تېلىفۇنى ئىتىۋىتىلگەن» بۇ كۈننىڭ قانداق كەچ بولغىنىنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمەن. ئەتىسى ساڭا تېلىفۇن قىلماسلىقنى ئويلىدىم، بىراق قولۇم ئىختىيارسىسزلا سىنىڭ نۇمۇرۇڭنى بېسىۋاتاتتى، نەچچە قېتىم ئۆزۈمنى توختىتىۋېلىپ تېلىفۇن ئۇرمىدىم، قولۇم يەنە ئىختىيارسىز سېنىڭ نۇمۇرۇڭغا كېتىپ قالغىنىنى ئۆزۈممۇ سەزمەيلا قاپتىمەن. بىر چاغدا تېلىفۇندىن « ياخشىمۇسىز سىز ئۇرغان تېلىفۇن توختىتىۋىتىلگەن» دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تېلىفۇننىڭ ئېكرانىغا قارىدىم، تېلىفۇن ئېكرانىدا باشقا نۇمۇر ئەمەس دەل سېنىڭ نۇمۇرۇڭغا تېلىفۇن ئۇرۇلماقتا ئىدى، بۈگۈنمۇ سەن بىلەن ئالاقىلىشالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى، سېنىڭ تېلىفۇنۇڭنى شۇنچىلىك ساقلىغان بولساممۇ سەندىن ھېچبىر تېلىفۇن ياكى ئۇچۇر كەلمىدى، مانا ھازىرمۇ ئۆزۈمنى يىغىدىن ئاران-ئارانلا تۇتۇپ تۇرۇپتىمەن، ئەمدى بىردىنبىر ئامال سېنى ئىزدەپ ئۆيۈڭگە بېرىپ ئالاقىلىشىشتىنلا بىلەمسەن؟ مەن سىنى سۆيىمەن، مەن سېنى سۆيىمەن، مەن سېنى سۆيىمەن. سېنى سۆيىمەن... سېنى كۈتىمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


مەنبە    كۆڭۈل تىزمىلىرىم
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(29)
85.3%
ئالقىشلايمەن
(5)
14.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • مۇڭسىرغان يۈرەك

    ھەجەپ كۈنلەر كەلدى بىشمغا ، دەرتلەر چۈشتى غەمسىز بۇ باشقا ، كۆزۈم تولدى ھىجرانلىق ياشقا، يالغۇز قالدى مۇڭسىرغان يۈرەك. كەتتى توزۇپ بىغۇبار غۇنچە ، ئون سەككىزنى تۈگەتمەي تۇرۇپ ، تالاي قىستى ئاسىيلىق شۇنچە ، يالغۇز قالدى مۇڭسىرغان يۈرەك. ئەلەم بولغاچ بۇ كۈل...

  • شاپاق قىزغا

    غىرىپ بولدۇم سۆيۈپ بىرسنى ، چۈشەنمىگەچ سنىڭ قەلبىڭنى ، ئالداپ كەپسەن مىنى نەچچە رەت، ماڭا بەرگەن قەسەملىرىڭ قىنى . كۆڭلۈڭ شۇنداق ئونۋىرسال كۆڭۈل، ھەممىگە بىرىپ تۈگمەس كۆڭۈلنى ، ئۆزۈڭچە چىرايىڭ ئاي،چاچلىرىڭ سۇمبۇل، ئەمدە شاخىڭغا قونۇپ سايرىماس بۇلبۇل. نەچچ...

  • ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە

    ماتىماتىكىلىق سۆيگىنامە ئىككىمىزنىڭ يۈرىكى بىر چەمبەرگە ئوخشاش، چۈنكى ئۇنىڭ مەركەزدىن قېچىش دەرىجىسى مەڭگۈ نۆل. ساڭا بولغان سېغىنىشىم بولسا دەۋرىي سانغا ئوخشايدۇ، مەڭگۈ ئۈزۈلمەي تەكرارلىنىدۇ. نۆل ۋېكتورنىڭ يۆنىلىشى چەكسىز كۆپ بولالىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇنلىقى پ...

  • ئۆتەڭ دۇنيادا

    سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھمۇ ؟ سىنى ياخشى كۆرۇش گۇناھ بولسا مەن بۇ ھاياتتمىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنى ۋە ئەڭ ئەخمەق ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلمەن ... سەن بىلەن ۋىسالىمغا يىتىش بۇ ئۆتەڭدۇنيادىكىئەڭ چوڭ ئارۇزۇلىرىمنىڭ بىرسى....... ساڭا بولغان پاك مۇھەبتىنم بۇ ئۆتەڭ...

  • خىلۋھ ت سۆيگۈ (ئىمكان)

    خىلۋەت سۆيگۈ مەن يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن چاغدا ئارزۇيۇمدىكىدەك كومپىيوتېر تور خىزمىتىگە ئۇرۇنلاشتىم، بىكار چاغلىرىمدا تور ئارىلاپ تۇراتتىم، بىر كۈنى بىر مۇنبەردىكى مەلۇم بىر ئەسەرگە قىززىقىپ قالدىم، بۇ قىزىقىشنىڭ ئاخىرىدا مىنى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغى...

  • مـــەۋھــۇم سۈكــــۈت

    داستىخان راستلاپ سۈكۈتتىن چىللىغان نامەرد ئۆزۈڭ، يوق ئىكەن بۇغداي نېنىڭمۇ ،يوقمىدى بۇغداي سۆزۈڭ؟ كۆزلەرىڭگە تەلمۈرۈپ ئاۋارە بولدى دېققىتىم ، نەئۈچۈن مۈشكۈل مۇئەمما ياغدۇرار بىرجۈپ كۆزۈڭ؟ كەپتىمەن ھۆسنۈڭدىكى مەۋھۈم سۈكۈتكە ئۈلگۈرۈپ ، ھېچقاچان مۇنداق پەرىشا...

  • ئازاپلىق سويگۈ

    1...

  • سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ(ئابىدە)

    ئۆخشار ئىدىم قاينام بۇلاققا، ئۆخشاپ قالدىم ئوكيان دىڭىزغا، شۇنداق تىنىچ ياشىدىم نىمىشقا؟ سەنمۇ مەندەك بولساڭ بىلەتتىڭ. يۇلتۇزلا گەر تۇرسىمۇ ماراپ، ئۆتەر كۇنۇم ئايغىلا قاراپ. بۇ ھالىم ساڭا قالارمۇ ياراپ. يۇرىكىم بۇچۇق، دەرتلىرىڭ تالاپ. ئۇيىلىمەن تىكىلىپ قا...

  • ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش

    ئازاپلىق ئىكەن يۇشۇرۇن كۈيۈش...

  • قىزنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈل

    مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز تەتىلدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبقا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى جەنۇبتا بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن پۇلدار مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشلەر ئىكەن. قىز ئۇ يەرگە بېرىپ شۇنچىلىك خۇشال - خۇرام ۋە بەختىيار ئو...