سۆيۇش-قارشى تەرەپ بىلەن بىرنەچچە كۇن ئالاقىلەشمىسڭىز ،تاقەتسىزلىك بىلەن تىلغۇن ئۇرىسىز،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاۋال ئۆپكىڭىز ئۆرۇلدۇ،ئاندىن كۇلىسىز.
ياخشى كۆرۇش -ئۇنىڭ بىلەن يۇز كۆرۇشكەن ۋاقتىڭىزدىلا ئۇنىڭ يىقىن ئادىمىڭىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.
سۆيۇش -ئۇ ھەر مىنوت ،ھەر سىكونت يادىڭىزدىن چىقمايدۇ،كۆز ئالدىڭىزدىن كەتمەيدۇ.
ياخشى كۆرۇش- تولىمۇ شېرىن بولىدۇ.
سۆيۇش- قىرتاقلىقى بىلەن جاننى ئالىدۇ، لىكىن چىن دىلىڭىزدىن رازى بولىسىز.
ياخشى كۆرۇش -سىز قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزىڭىزنى ناھايتى قۇشال ھېس قىلىسىز.
سۆيۇش -قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچراشقاندا ئاجايىپ غەلىتە تۇيغۇلار ئىچىدە قىينىلىسىز.
ياخشى كۆرۈش -قارشى تەرەپ بىلەن ئىككىڭلار ئۇتتۇرسىدا داۋاملىق تۇنۇگۇن ۋە بۇگۇننىڭ پارىڭى بولىدۇ.
سۆيۈش -ئۇنىڭ بىلەن ئەتەڭلار ھەققىدە گۇزەل تەسسەۋورلارنى قىلىسىز.
ياخشى كۆرۇش -بەخش ئېتىدىغىنى مەڭگۇلۈك شادلىق .
سۆيۈش -كۆپ ۋاقىتلاردا يىغىغا تولغان بولىدۇ.
ياخشى كۆرۈش -قارشى تەرەپ ئىسڭىزگە كەلگەندە يىقىملىققىنە كۈلۈپ قۇيىسىز.
سۆيۈش-قارشى تەرەپ ئېسىڭىزگە كەلگەندە كۆككە قاراپ خىيال سۇرىسىز.
ياخشى كۆرۈش-ئۇنىڭ بالىسى بولسا چۇقۇم ئامراق بولۇپ قالىمەن دەپ ئويلايسىز.
سۆيۈش -بىر كۆنلەردە بالام بۇلۇپ قالسا قايسىمىزغا ئوخشار دەپ باش قاتتۇرسىز.
ياخشى كۆرۈش-ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقدىن زوقلىنسىز.
سۆيۈش-ئۇنىڭ كەمچىلىكىگە چاپان ياپىسىز