مەن كىتىمەن سىنىڭدىن يىراق،
تاقىتىم يوق ئازاپقا ئەمدى.
يالغان ۋەدە ئالداشلارنى قوي،
پۇرسەت يوق سەن كاززاپقا ئەمدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ۋاپاسىز دەپ تىللىساڭ تىللا،
سەن ۋاپادار چاغلاپ ئۆزەڭنى.
سۈكۈتلەردە تاۋلانغان روھىم،
مەن يۈرمايمەن ياشلاپ كۆزۈمنى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
تىلىم-تىلىم بولسىمۇ باغرىم،
ئەقىل تاپتىم كەچمىشلىرىمدىن.
تۇنۇۋالدىم سىنى ھەقىقى،
شۇ بىنۇمۇس ئەتمىشلىرىڭدىن . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بۇ دۇنيادا قىزلا بەكمۇ كۆپ،
ھامان باردۇر سەندىن ياخشىسى.
ئۈمىد سىزلىك تۇغقاندا ئۈمىد،
مەن ئىيتىمەن بەخىت ناخشىسى.
ئۆتمە تۆشۈك بولسىمۇ يۈرەك،
يەنە بىخلاپ چىقار مۇھەببەت.
مەن سىنىڭدەك بىچارە ئەمەس،
تاپمىقىم بار سۆيگۈدىن لەززەت. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
خوش ئاماننىسا بەخىتلىك بول ،مەن ھازىر پەقەت شۇنداق دىيەلەيمەن . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەنبە ؛ ئۆزەم
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن