تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،
ياشاپ كەلدىم ئۈنسىز ياش تۈكۈپ.
كۈرۈشۈشنى ئىستەپ سەن بىلەن،
قاچانغىچە ياشايمەن كۈتۈپ.
تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،
ياشاپ كەلدىم سەندىن ساداسىز.
كەلگەن ئىدۇق شۇنچە يىراقتىن،
بۇپ قالمايلى ئەمدى ۋاپاسىز.
تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،
ياشاۋاتىمەن ئۈنسىز ساداسىز.
ئارا يىراق قالدىم بارالماي،
بۇپ قالدىممۇ ۋە يا ۋاپاسىز.
تېلفۇن ئۇرۇپ كۈندە نەچچە رەت،
سايرىتالماي قالدىم ئامالسىز.
نە سەۋەپتىن بولدۇڭ ئۇنۇتماق،
ياشاي دەمسەن تەنھا نىگارسىز.
تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،
كۆزدە ئۇيقۇ،قۇلۇمدا ئىش يوق.
بۇ دۇنيادا ياشىسام سەنسىز،
يۈرەكلەرىم بۇلالمايدۇ توق.
تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،
چۈش كۈرىمەن ئۇخلىماي تۇرۇپ.
سادا بەرگىن ئۈتۈنەي سەندىن،
بىلسەڭ نىگار بىز كۈرۈشمىدۇق.
تېلفۇنۇڭنى كۈتۈپ مەن سىنىڭ،
بوۋاي بۇلۇپ قالماي ئايلىنىپ.
سۈيۈپ قويغىن سىنى سۆيگەننى،
ئۈلۈپ كەتمەي سەنسىز زارلىنىپ.
دەپ؛
چۈشىڭىزدىكى ھەمرا