ئاياللار قايسى مەزگىلىدە چاي ئىچىسە بولمايدۇ

ۋاقتى:2011-01-14 11:24مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
       ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە ، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىكەن . بولمىسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن .
    ھەيز مەزگىلى ئاياللار ھەيز ئارقىلىق بىر قىسىم تۆمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەر ،  مەسىلەن ، پالەك ، ئالما ، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چاي تەركىبىدە ٪30- ٪50 تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ، ئۈچەيدە ئاسانلا ئوزۇقلۇق بوتقىسىدىكى تۆمۈر ياكى قان تولۇقلاش دورىسىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ ، تاش شەكىللەندۈرۈپ چۆكمە پەيدا قىلىدۇ . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
   ئىككىقات مەزگىلى قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدىكى كوففېئننىڭ قويۇقلۇقى ٪10گە يېتىدۇ . بۇ ئىككىقات ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋە يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىىپ ، كۆڭلى ئېلىشىشنى كۈچەيتېۋىتىدۇ ھەمدە يۈرەك ، بۆرىكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ ، ئىككىقات مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز .
 بوشىنىش مەزگىلى بوشىنىشتىن ئىلگىرى چاينى بەك كۆپ ئىچسە كوففېننىڭ روھلاندۇرۇش رولىنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ . ناۋادا بوشىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ يېتەرلىىك بولمىسا ماغدۇرسىزلىنىش ، تولغاق كۈچەيمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تۇغۇتى قىيىنلىشىدۇ . www.iz.la
  ئېمىتىش مەزگىلى ئېمىتىش مەزگىلىدە چاينى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ . چۈنكى ، بۇمەزگىلدە چاينى كۆپ ئىچسە ، چايدىكى يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى تاننىك كىسلاتاسى شىلىمشىق پەردە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىپ ، سۈت بېزىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەپ  ، سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن سۈت ئارقىلىق بوۋاق تېنىگە كىرىپ ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
  ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ئاياللار تەخمىنەن 45 ياشلار ئەتراپىدا ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدۇ . ھەيزى كېسىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا باش قېيىش ، ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا ، يەنە يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش ، ئاسان ھاياجانلىنىش ، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئەگەر چاينى كۆپ ئىچسە ، يۇقىرىقى ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ . بۇ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشكە تېخىمۇ پايدىسىز .
copyright by www.iz.la

‹‹ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قىزلار بۇ تىمىنى كۆرۈپ قۇيۇڭ

    بىر ئادەم ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغاندىن سىرت،يۈرۈش-تۇرۇش تاشقى قىياپەت جەھەتتىمۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.بولۇپمۇ قىزلار بۇ جەھەتلارگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى ئەۋزەل خاراكتېرى ۋە تاشقى قىياپىتى ئارقىلى...

  • ھامىلىدار ئاياللار قېنىق چاي ئىچىمەسلىكى كېرەك

    ...

  • ھامىلدار ئاياللار قايسى خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك

       كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھامىلدار ئاياللار ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بىراق، بەزى ئېلېكتىر سايمانلىرى ئېلېكتىر ماگىنت دولقۇنى ۋە ئېلېكتىر ماگىنت مەيدانى پەيدا قىلىپ ، ھامىلدار ئاياللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ، ھامىلىدار ئاياللار...

  • چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى

    چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى گېرمانىيە - قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ ، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ، شۇڭا ، گېرمانىيەدە قاتتىق كۈلۈش ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان . بىرۇنېي - چارتال...

  • قىز سىتۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

    قىز سىتۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئاپتورى: ئالىيە جېلىل ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسىدىمۇ بىر قاتار ئىسلاھاتلار بولدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇ...

  • گۈزەل بولاي دېسىڭىز...

      دۇنيادا گۈزەللىكنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئايال بولمىسا كېرەك . گۈزەللىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايتى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي زوق ۋە روھىي ئوزۇق ئالىدۇ . گۈزەللىك ئادەمنى جۇشقۇن ، كۆتۈرەڭگۈ روھقا...

  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...