قىش پەسىلىدە تېرىنى قانداق ئاسىراش لازىم

ۋاقتى:2011-01-03 17:23مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
   قىش پەسلىدە تېرىگە سۇ يېتىشمىسە، تېرە قىچىشىش، قىزىرىپ ئىششىش، ئاخىرىدا تېرە قۇرغاقلىشىپ يېرىلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.  
ئاسراش ئۇسۇلى: كۈز پەسلى كىرىشى بىلەنلا تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىدىغان يۈزلۈكلەرنى ئىشلىتىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، ئەڭ ياخشىسى تەركىبىدە سۈت، زەيتۇن يېغى قاتارلىق ېببىي ساھەدە ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان نەملىك ساقلاش تەركىبلىرى بولغان يۈزلۈكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم.  
ئەگەر تېرە بەكرەك قۇرغاقلىشىش ئالامىتى كۆرۈلسە، گىرىم قىلىشتىن بۇرۇن لۆڭگىنى ئىسسىق سۇ بىلەن نەمدەپ يۈزنى سۈرتۈپ، ئۆلگەن تېرىلەرنى يۇمشاتقاندىن كېيىن، يۈزگە 1:1 نىسبەت بويىچە ئۇپا ۋە نەملىك ساقلاش مەلھىمى سۈرۈپ، تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇپا سۈرۈشتىن بۇرۇن، يۈزدە ئۇششاق تېرە كېپەكلىرى بولسا، ئۇپا سۇيۇقلۇقىنى شۇ تېرە تاشلىغان ئورۇنغا ئاستا-ئاستا سۈركەپ يوقىتىشىمىز كېرەك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  تېرە ئاستى بەك قۇرغاقلىشىپ، تېرىنى قوغدايدىغان ئاجراتمىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالمىسا تېرە يىرىكلىشىپ، ئۇششاق مايلىق دانىخورەكلەر پەيدا بولىدۇ. 
  ئاسراش ئۇسۇلى: بىۋاسىتە تېرىنىڭ سۇ تەركىبىنى تولۇقلاش، ئەڭ ياخشىسى چاي دەرىخى مېيى قاتارلىق ئاسراش مايلىرىنى ئىشلىتىپ، تېرىنىڭ يەنە بىر قېتىم غىدىقلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.  
ئەگەر ئېغىرراق بولسا كۈندە ئىككى قېتىم كەندىر تەركىبلىك قەغەز ئىشلىتىپ بېرىش كېرەك.
قىش پەسلىدە ھاۋادا نەملىك ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، تېرىنىڭ سىرتقى قىسمى ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مايلىق ئاجراتمىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىمۇ ئازلىغانلىقتىن، مەڭىز قىسمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قۇرغاقلىشىشى ۋە قىزىرىپ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاسراش ئۇسۇلى: يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يۈز نەم ھالەتتىلا تەركىبىدە ۋىتامىن 5B ۋە يۇمشاقلىق دەرىجىسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان نەملىك ساقلاش مايلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سۇ تەركىبىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ مايلارنىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىش لازىم، بەك كۆپ سۈرۈۋەتكەندە، تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋېلىپ يۈزدە دانىخورەك پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
ئەگەر تېرىگە نەملىك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا، ئۇن، ھەسەل ۋە سۈتنى 2:1:1 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ، 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە يېنىمىزغا نەملىك پۈركۈگۈچ سېلىۋېلىپ، يۈز تېرىمىز تارتىشقان ۋاقىتلاردا پۈركۈپ يۈزنىڭ نەملىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلاشقا دىققەت قىلساق بولىدۇ.  بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تېرە بىردە سوغۇق، بىردە ئىسسىق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، تۇيۇقسىز سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىپ، قىزىرىش ۋە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ 
ئاسراش ئۇسۇلى: تەركىبىدە ئۇپا-ئەڭلىك(پۇراقلىق ماددا)، ئىسپىرت، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قاتارلىقلار بار بولغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەستىن، كىسلاتا تەركىبى تۆۋەن بولغان ياكى مەخسۇس سەزگۈر تېرىلەر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش لازىم. مەسلەن، تەركىبىدە ئەتتىرگۈل، ئالوي قاتارلىقلار بار بولغان، تېرىنىڭ سۇ تەركىبىنى موللاشتۇرىدىغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا، يۈزنى مۇز سۈيىدە يۇيۇش، يۇيۇپ بولۇپلا يۈزگە ۋازلىن سۈرۈۋېلىش لازىم.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
60%
ئالقىشلايمەن
(2)
40%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چاچ ئاسىراش رىتىسىپىلىرى

    1. ئوزۇقلۇق تەركبى مول بولغان يىمەكلىكىلەرنى ئىسىتىمال قىلىش لازىم. ئوزۇقلۇق مول بولمىسا ، چاچ زەخمىگە ئۇچىرايدۇ ، چاچىنڭ پارقىراقلىقى يوقايىدۇ . تەركبىدە ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار مول ، ياغ تەركبى ئاز بولغان يىمەكلىكىلەرنى ، ئاقسىل ماددىسى مول يىمەكلىك...

  • پەرداز بۇيۇملىرە ۋە تىرەكېسەللىكى

    ھەممە ئادەم گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرىدۇ .كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزنى پەردازلاپ گۈزەل ياسنىۋالغانلىقى نۇرمال ھادىسە .بىراق يەنە بىر قىسىم ئاياللاردا پەررداز بۇيۇملىرنى ئىشلەتكەندىن كىيىن يۈز - كۆزلىرى قىزىرىپ ئىشىشىپ قىلىش ، ياللغۇغلىنىش ھادسلى...

  • چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر

    چاچنى گۈزەللەشتۈردىغان يېمەكلىكلەر ئادەم 30-40 ياشلارغا بارا بارماي چېچى قېرىشقا باشلايدۇ. ھالبۇكى چاچنىڭ گۈزەلىكى بارلىق گۈزەلىكلەرنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ياش ۋاقتىڭز دىن تارتىپلا مۇۋاپىق بولغان توغرا ئۇسۇل بىلەن چېچىڭزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرشىڭىز...

  • ئاياللار ۋە ئاچچىقسۇ

    ئامرىكىدىكى كۆپلىگەن ھۆسۈن تۈزەش مۇتەخەسسىسلىرى،ئايالللار يۈز تېرىسنىڭ پارقىراق ،يۇمران بۇلۇشى ،ياشلىق باھارىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ھالقا - بەدەندىكى پېروكسىدلىق مايلارنى كېمەيتشتۇر،دەپ قارايدۇ. ئاياللار نىڭ بەدىندىكى بۇخىل ماددا 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان...

  • سۈت ئارقىلىق ھۆسن تۈزەش

    سۈت بىلەن ھۆسن تۈزەشتە ئاساسلىقى سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي ۋە ۋېتامىنلاردىن پايدىلىنىپ موسكۇللارنى رۇسلاش ۋە ھۆسن تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بەزى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھۆسن تۈزەش مېيى ئورنىدا قېتىق قىلپ ئىشلىنىدۇ. سۈت ئەسلىدىلا بىر خىل ئىمۇلگات...

  • چېچىڭىزنى ئاسىراشتا...

    مۇتەخەسىسلەر : ئاپتاپتا ئۇزاق تۇرىدىغان كىشىلەر چېچىنى يېشىل چايدا يۇيۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى يېشىل چاي تەركىبىدىكى چاچ مېيى باش تېرىسى ۋە چاچ يىلتىزىنى ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.بۇنىڭ ئاپتاپتا قاقلانغان چاچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم رولى بار...

  • تۇخۇم ئېقى يېڭى تاتۇقنى يوقىتىشقا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك

    جاراھەت قاقاچ تۇتۇشتىن بۇرۇن يەرلىك توخو تۇخۇمىنىڭ ئېقىنى سۈرۈپ بەرسە، جاراھەت تولۇق ساقايغاندىن كېيىن، جاراھەتلەنگەن ئورۇننىڭ تېرىسى جاراھەتلەنمىگەنگە ئوخشاش بولۇپ ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن تېرىنىڭ گۈزەللىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلاپ قالغىلى بو...

  • بەدەندىكى ماينى خورىتىشنىڭ توققۇز خىل ئۇسۇلى

    1.ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇماسلىق؛ 2.سەيلە قىلغاندا ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈۋېلىش؛ 3.ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم يېيىش؛ 4.ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛ 5.ئۆرە تۇرۇپ تېلېفون ئۇرۇش؛ 6.ئىش ئۈستىلىدىن ئايرىلىش؛ 7.ئۇسسۇل ئويناش؛ 8.تاماقنى كونتىرول قىلىپ ئورۇقلىماسلىق؛ 9.ئۆرە ت...

  • مايلىق تېرىلەرنى قانداق ئاسراش كېرەك

    مايلىق تېرە بىلەن قۇرغاق تېرە بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى بولۇپ، مايلىق تېرە قارىماققا ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ، بىراق ھەر خىل سىرتقى غىدىقلىنىشلارغا چىداملىقراق كېلىدۇ. شامال ۋە كۈن نۇرىدىن قورقمايدۇ. ئاسان قېرىمايدۇ، قورۇق كېچىكىپ چۈشىدۇ. لېكىن بۇ خىل تېرىلە...

  • ھۆسىن تۈزەشكە پايدىلىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

    پەمىدۇر: ھەر كۈنى بىر ئىستاكان پەمىدۇر شەربىتىگە مۇۋاپىق مىقداردا بېلىق مېيى قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ، سالامەتلىكنى ئاسىرايدۇ.دائىم پەمىدۇر شەربىتى بىلەن يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە تېرىنى ئاقارتىپ پارقىراق قىلىدۇ. تاۋۇز: تاۋۇز شاپىقىن...