مانا بۈگۈن ساڭا قەلبىمنى ئىزھار قىلغىنىمنىڭ ئۈچىنجى كۈنى، سېنىڭ جاۋاب خېتىڭ مېنى گاڭگىرىتىپلا قويدى. يا سەن مېنىڭ قەلبىمنى چۈشەنمەي قالدىڭمۇ ياكى مەن سېنىڭ خەتلىرىڭنى چۈشەنمەي قالدىممۇ، مېنى بەكلا گاڭگىرىتىپ قويدى. مەلىكەم، تىنىچ تۇرۇپ ئاڭلىغىنە، يۈرىكىم ھازىر نېمە دەۋاتىدىكىن ... مېنى تولا ئالدىمىساڭچۇ، راستىنلا ئاڭلىيالمىدىڭمۇ؟ ئۇنداقتا قۇلىقىڭنى يۇرۇكۇمگە يېقىپ ئاڭلاپ كۆرگىن، شۇندىلا قەلبىمنى چوڭقۇر چۈشىنىسەن، ئاڭلىغىنە، يەنە زۇۋان سۈرىۋاتىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سىلىۋالسام قوللىرىڭنى نەچچەرەت،
گاھى شۇنداق ئېغىزىمغا تەككۈزۈپ.
گاھى شۇنداق ھىدلىۋالاي ھىدىڭنى،
قويغىنا قىز مۇرادىمغا يەتكۈزۈپ.
كۆرۈۋالاي سېنى شۇنداق قانغۇچە،
مۇڭدىشايلى قۇياش مەغرىپ پاتقۇچە،
سۆيۈۋالاي خوپ قىزارغان يۈزۈڭنى،
خجىل بولۇپ قولۇڭ بىلەن ياپقۇچە. copyright by www.iz.la
مەلىكەم، يۈرىكىمدىن چىققان سادالارنى ئېنىق ئاڭلىدىڭمۇ؟ مانا ئەمدى قەلبىمنى تۇلۇق چۈشەنگەنسەن، مېنى ئەمدى يالغۇز قالدۇرماسسەن- ھە! ئەمەلىيەتتىمۇ سېنىڭ ئەمدى ياق دېگىدەك باھانەڭ يوق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!
مانا ھازىر سېنى سېغىنىپ يالغۇز ئولتۇرىمەن، مەلىكەم، تۇيدۇرماستىن كېلىپ كۆزۈمنى ئېتىۋالساڭچۇ! ئاستىغىنە كېلىپ كۆزۈمنى ئەتكىن-دە، يۈرىكىم چۆچۈپ كەتسۇن. بۇ ئىنسى-جىنسى يوق پىنھان دالىدا قايسى خىل كۈچنىڭ كۆزۈمنى ئېتىۋالغىنىدىن قورقۇپ كەتسۇن. ئاندىن سەن ئاستىغىنە مەڭزىمگە سۆيۈپ قويغىن، قەلبىمدىكى قورقۇش، ئەنسىزلىك يوقالسۇن، دىلىم شادلىققا تولسۇن، ئاندىن ئاستا ئالدىمغا ئۆتۈپ بوينۇمغا گىرە سالغىن-دە، مەن سېنىڭ ساپ سۆيگۈڭنىڭ مەھبۇسى بولاي. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن