ھەر قابداق كىشى ئۇلارغا ھەۋەس قىلماي تۇرالمايدىكەن.
بىراق ئۇلارغا كۆز تەككەندەك بىر كۈنى قىز ماشىنا ۋەقەسىدە ئېغىر يارلىنىپتۇ.ئوغۇل بالا كۈندۈزى قىزنىڭ كارۋىتى يىنىدا قىزغا ھەمراھ بولسا كېچىسى چېركاۋغا
بېرىپ دۇئا قىلىدىكەن.بىر ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ لېكىن قىز يەنىلا ياخشى بولماپتۇ.ئوغۇل تۈگۈشىپلا كېتىپتۇ ،تەڭرىنىڭ ئاخىرى بۇ بالىغا ئىچى ئاغرىپتۇ دە ئۇنىڭدىن؛
سەن ئۆزۈڭنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۇنى ئويغۇتۇشنى خالامسەن .سەن بۇنىڭ ئۈچۈن 3 يىل يىڭناغۇچقا ئايلىنىپ قالىسەن دەپتۇ .ئۇغۇل بالا بۇنىڭغا ئىكلەنمەستىن ماقۇل
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
دەپتۇ.ئوغۇل بالا دېگەندەك يىڭناغۇچقا ئايلىنىپ قاپتۇ.ئۇ قىزنىڭ كارۋېتىنىڭ يىنىغا ئۇچۇپ بېرىپ قىزنىڭ ئويغانغانلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق خوشال بوپتۇ لېكىن ئاۋازىنى
چىقىرىپ سۆزلىيەلمەپتۇ.قىز دوختۇرخانىدىن چىقىپتۇ ،لېكىن ئۇ خوشال ئەمەس ئىكەن چۈنكى ئۇ يىگىتنى ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ.يىڭناغۇچ قىزنىڭ يىنىدا پەرۋانە بولۇپ
ئۇچۇپ يۈرىدىكەن لېكىن قىز بۇنى سەزمەيدىكەن .كۈز كەپتۇ ،يىڭناغۇچ قىزنىڭ پېشانىسىگە يىنىككىنە سۆيۈپتۇدە ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
باھار كەپتۇ .يېڭناغۇچ قىزنى ئىزدەپ كەپتۇ،لېكىن بۇ چاغدا قىزنىڭ يىنىدا يەنە بىر گەۋدە تۇرغانىكەن.يىڭناغۇچقا بۇ ئالەم قاراڭغۇلاشقاندەك تۇيۇلۇپتۇ .كېشىلەرنىڭ www.iz.la
ھەممىسى بۇ بالىنىڭ قىزنى داۋالاپ ساقايتقانلىقىنى ،ئىككىسىنىڭ بىر بىرىگە شۇنداق ماسلىشىدىغانلىقىنى سۆزلىشىۋاتقانكەن.قىزمۇ شۇنداق خوشال كۆرۈنىپتۇ.
يىڭناغۇچ ئىنتايىن ئازاپلىنىپتۇ.ھەركۈنى دېگۈدەك قىز بىلەن ئۇ يىگىتنى كۆرۈپ تۇرىدىكەن .شۇنداق قىلىپ 3 يىل مۆھلەت توشۇپتۇ .بۇ دەل قىز بىلەن يىڭى تونۇشقان
بۇ يىگىتنىڭ توي كۈن ئىكەن .يىڭناغۇچ يىگىتنىڭ قىزنىڭ قولىغا ئۈزۈكنى سالغىنىنى كۆرۈپ ئېنتايىن ئازاپلىنىپتۇ .تەڭرى ئۇنىڭدىن سەن پۇشايمان قىلامسەن؟
دەپ سوراپتۇ .يىڭناغۇچ ئىكلەنمەستىن يەنىلا ياق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.تەڭرى يىڭناغۇچقا :ئەتە سەن ئەسلىڭگە قايتىسەن دەپتۇ .لېكىن يىڭناغۇچ:مېنى ئەسلىمگە
ئىز تورى بەك ياخشى
قايتۇرمىغىن .مەن مەڭگۈ مۇشۇنداق تۇرىۋېرەي .مەگگۈ ئۇنىڭ بەختىنى كۆرۈپ ئۆتەي دەپتۇ.
شۇنداق ،بېر ئادەمنى سۆيۈش ھەرگىز ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولۇشتا ئەمەس ،لېكىن سىزگە مەنسۇپ بولغان ئادەمنى مەڭگۈ قەدىرلەڭ!