سىنى چۈشەپ ئويغىنىپ كەتتىم،
تاتلىق ئۇخلاپ ياتقانسەن شۇتاپ.
ساڭا كۆيگەن ئاشىق يۈرەكتىن،
شېئىر يازدىم يار ساڭىلا ئاتاپ. ئىز تورى بەك ياخشى
تۇلۇن ئايمۇ بولۇپتۇ غايىپ،
ئاھ دەۋەتتىم ئاستا پىچىرلاپ.
يۇلتۇزمۇ قىسىشمايدۇ كۆز،
كائىناتمۇ قاپتۇغۇ ئۇخلاپ. ئىز تورى www.iz.la
مەن ئىسمىڭنى چاقىرىپ سالدىم،
ئاڭلىدىڭمۇ چۈشۈڭدە نىگار.
ئەجەپ نەرسە سېغىنىش دىگەن،
ئېيىتقىن نىچۈن سەن چۈشۈمدە بار. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شېئىر يىزىپ ساڭا دەۋەتتىم،
ھىچ كىشىگە دىمىگەن گەپنى.
قەدرىڭ ئەجەپ ئۆتۈلدىغۇ يار،
دىيەلەمسەن مەن دىگەن گەپنى.