چەرچەندىكى بىر قىزچاقنىڭ ئوتلىرى،
يۈرۈگۈمنىڭ ئۈستىدىلا گۈرۈلدەر.
سىغىنىشتىن گەز باغلىغان ھاياجان،
ئازاپ رەڭلىك كۆز يىشىمغا تۆكۈلەر.
چەرچەندىكى بىر قىزچاقنىڭ ئوتلىرى،
يالقۇنتاغ بوپ لاۋا چاچار قەلبىمدە.
ساڭا كۆيگەن ئون بەش ئايلىق ئوت بىلەن ،
تاۋلىنىدۇ يۈزمىڭ يىللىق ئەقىدە. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
چەرچەندىكى بىر قىزچاقنىڭ ئوتلىرى،
مىنى تامام قىلىۋالغان ئاھ...قامال.
ئەجىلىمدە ئۆلمەي قالسام ناۋادا،
ئوتلىرىڭدا مەن ئۆلىمەن بىلىپ قال.
ئۈرۈمچى
2010-يىل 10-ئۆكتەبىر
مەنبە ؛ئۆزەم ئىز تورى بەك ياخشى