بۈگۈن ھاۋا ناھايىتى ناچار،مىنىڭ كەيپىياتىممۇ ھەم شۇ.چۈنكى مېنى ھەممىدىن بەك سۆيەلەيدىغان،ھەممىدىن بەك ھۆرمەتلەيدىغان،ھەم مەن ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتىغان بىر قىز كەتتى.ئۇنىڭ كىتىشىگە مەن ھەم رازى،چۈنكى مەن ئۇ قىزغا ئازاپتىن باشقا ھېچ نەرسە بىرەلمىدىم،ھەم بىرەلىشىمگە كۆزۈم يەتمەيدۇ،بۇلارنىڭ سەۋەبى پەقەتلا مىنىڭ ئۇنى سۈيەلمىگىنىم.مەن ئۆزۈممۇ ئۇنى نىمىشقا سۈيەلمىگىنىمنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن،ئەمەلىيەتتە ئۇ قىزمۇ باشقا قىزلاردىن قېلىشمىغۇدەك قىز ئىدى.ھەتتا باشقا قىزلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك بىر قىز ئىدى.ئۇنىڭ ئاشۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن مېنى كۈتۈشلىرى،ھېچ نىمىگە پەرۋا قىلماي مېنى سۆيۈشلىرى،ھەتتا مىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ھەر قانداق تەڭسىز بۇيرۇقلىرىمغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن بوي سۇنۇشى ئەمدى ھېچقانداق بىر قىزنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.لېكىن ئۇ ئاخىرى مېنى كۈتۈپ ھېرىپ قالدى بولغاي،بەلكىم مىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغانلىرىم بەك ئېشىپ كەتكەندۇ.ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ماڭا مۇشۇنچىلىك قىلغانلىرى مىنىڭ بىر ئۆمۈر ئەسلىشىمگە يىتىپ ئاشىدۇ.مىنىڭ ھەم ئۇ قىزغا قىلغانلىرىم ئۇنىڭ مەندىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشىگە يىتىپ ئاشىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! ئەسلىدە سەنمۇ باشقا قىزلارغا ئوخشاش بەخىت ئىچىدە ياشاشقا ھوقۇقلۇق،لېكىن مەن ساڭا نىمە قىلىپ بىرەلىدىم.مەن سىنى شۇنچە خار قىلدىم.سەن مېنى بېشىڭغا ئېلىپ كۆتۈردۈڭ،لېكىن مەن سېنىڭ شۇ قىلغانلىرىڭغا لايىق ئىش قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،سېنى شۇنچە زارلىتىپ باشقا بىر قىزنىڭ كەينىدىن،يەنى مېنى سۆيمەيدىغان ھەم سۆيۈپ باقمىغان بىرسىنىڭ كەينىدىن يۈردۈم.لېكىن سەن شۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە مىنى كۈتتۈڭ.ھەم مەن ئۈچۈن ئاشۇ نۇمۇسسىز بىۋاپاغا مىنى سۆيۈشنى ئۆتۈندۈڭ.لېكىن سەن قىلچىمۇ بۇشاشماي مىنى يەنە كۈتسەڭ،مەن ئۈچۈن ھەممىنى قىلساڭ،مەن ئۈچۈن ھەممىگە تەييار تۇرساڭ مەن يەنە سېنى سۈيەلمىدىم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مېنى كەچۈر!!! مىنىڭ ئەمدى سەندىن كۈتىدىغىنىم <مېنى كەچۈر>
سېنىڭ ئاشۇ قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا بىر ئۆمۈر قەرىزدار،لېكىن ئىشىنىمەن سەن چۇقۇم بەخىتلىك بولۇپ كىتىسەن.....مەن ساڭا چىن كۆڭلۈمدىن بەخىت تىلەيمەن ....ئاللاھ سېنىڭ بەختىڭنى بېرىدۇ.
خەتكۈچلەر:
