ئارمان دەپ ئارمانغا باغلانغان رېشتىم ،
يەر بىلەن يەكسەن بۇپ خارلاندى ئىشقىم .
ئاتىسام بىر سەن ئۈچۈن ھەممە ھەممىنى ،
بىلمىدىم قەلبىڭدىن تېپىلماس ئىسمىم .
نە قىلاي ھاياتقا يالۋۇرۇپ ئەيتتىم ،
تۇرار ھېچ سادا يوق جىم يەتتە ئىقلىم .
كۆز يېشىم ئارماننىڭ گۇلدۇرلىرىدىن ،
يامغۇردۇر بېرەلمەس تەسەللى ھېچكىم . copyright by www.iz.la
لەززەتتىن دۇنياغا چۈشمەپتۇ رىسقىم ،
پەقەتلا ئازاپلىق شەربىتى ئېچتىم .
گەر ئولسەم ئوقۇپ قويۇڭلار ئاشىقلار ،
قەلبىمنىڭ سېرىنى قەغەزگە پۈكتۈم
ئىز تورى www.iz.la
مەن سېنى سۆيىمەن ،سەنمۇ كۆيىسەن،
نىمىشقا ئۇنتۇشقا باغلايسەن مېنى.
سېغىنغان كۆزلەردەمۆلدۈرلىگەن ياش،
ئازاپنى ئېقىتىپ كىتەلمەس نېرى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ساڭا يىراق ۋە يېقىن شېرىن چۈشۈمدە،
سىنىلا ئىنتىلىپ سۆيىمەن نىگار.
رىئاللىق سەرگەن تەسۋىر قولىدا،
رىسقىسىز يۈرەكلەر بولدى يادىكار. copyright by www.iz.la
ھىجراندا سەرسان چۆپ-چۆپ يۈرەكنى،
ياسىدىم قۇلۇمدا كىچىك قولۋاق قىپ.
تۇتىۋال سېغىنىش سۇ بۇپ ئاققاندا ،
كۆڭلۈڭنىڭ تىگىدىن ئېرىقلار ئىچىپ. ئىز تورى بەك ياخشى