ئەي سۆيۈملۇك قىزىم ! بۇدۇنياغا قىزبولۇپ يارالغانىكەنسەن ، ئەڭ ئاۋۋال قىز بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى ئوبدان تۇنۇغىن ، شۇندىلا بۇ ھاياتىي دۇنيادا قانداق ياشاش ، ھايات مۇساپىسىنى قانداق مەنالارغا تولدۇرۇش ، قۇنالغۇغا ئۇخشايدىغان دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بېرىلىپ كەتمەي ، قىزلىق قەدىر-قىممەت يارىتىپ ئۆمۈر سۇرۇشنى بىلىۋالايسەن !
قىزىم ، سەن ھەربىر تىنىقىڭنى مەنالار خەزىنىسىنى قېزىشنىڭ سەرمايىسى قىلغىن . نۇرغۇن قىزلار كىچىكىدە بالىلىقنىڭ شېرىن شوخلۇقىغا ئەسىر بولۇپ كېتىپ ، بالىلىقنىڭ قانداق قىلىپ ياشلىققا ئالمىشىپ قالغانلىقىنى سېزەلمەي قالىدۇ . ياشلىق مەۋسۈمىگە كەلگەندە ، ياشلىق غۇرورى ۋە كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا قېرىلىقنىڭ مۇشەققىتىنى ئويلاشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ ، نەتىجىدە ، ھەش=پەش دېگۇچە ئۆمۈر گلشىنى خازان بولۇپ ، قاقشال دەرەخكە ئۇخشاش ئۆزىگىمۇ سايە تاشلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ، باسقان ھايات مەنزىلىگە قاراپ قىلچە نىشانى قالمىغانلىقىنى ھەربىر قەدىمىنى غەپلەتتىن سۆرەم سېلىپ باسقانلىقىنى بىلىدۇ . شۇڭا قىزىم ، ئۆتكەن كۈن ئۈچۈن ياش تۆكمە ، ئەتەڭ ئۈچۈن غەم يىمە . ھەربىر كۈنۈڭنى خاتىرجەم ئۆتكۇزگىن .
خەلقىمىز پەرزەنتلەرنى ئاتىغاندا « قىز-ئوغۇل » دېەەن جۈپ ئىبارىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ . بۇ ئىبارىدە « قىز » دېگەن ئاتالغۇ ئەڭ بېشىدا كىلىدۇ . بۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ ، يەنە بىر مۇھىم ئامىل بىزنىڭ ئاشۇ تىلىمىزنى ياراتقان ۋە نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن خەلقىمىزنىڭ پىسخىكىسى سىڭىپ كەتكەن . يەنى قىزلارنى ئۇلۇغلاش ، ئەزىزلەش ، ئۇلارنى قەدىرلەشتەك ئۇدۇم يۇغۇرۇلغان . ئەي قىزىم ، بۇنىڭدىكى سەۋەبنى بىلەمسەن ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قىزلار نازۇك ھەم يۇمران ، نازاكەتلىك ، ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىش ، كۆيۈنۈش ، ياخشى تەربىيىگە ئىگە قىلىش خەلىقىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىن بۇيانقى چۈشەنچىسىدە ئىنتايىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ، شۇڭا ئاسرىلىدىغان ئەڭ بۇرۇنقى ئۇبىيكىت قىزلار بولغان . ھالبوكى ، بۇنداق ئاسراش ئۇبيېكتىپبىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن قىزلىق پەزىلەتنى يىتىلدۇرگەن ، كىشىلىك ئەدەپ-ئەخلاققا رىئايە قىلىدىغان ، مۇلايىم ، نازاكەتلىك ، ئۆز خۇلقلۇق بولۇشى تەلەپ قىلىنغان . خەلقىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىن بۇيانقى گۈزەللىك چۈشەنچىسىدە « تاشقى گۈزەللىكىگە قارىما ، قەلبىنىڭ گۈزەللىكىگە قارا » دېگەن قاراش ئوموملىشىپ كەتكەن . ئۇنداقتا ، تاشقى قىياپىتى گۈزەللەر گۈزەل ھېسابلانمدۇ ؟ بىلگىنكى ، قەلىب گۈزەللىكىگە ئىگە قىزلارغا تاشقى گۈزەللىك قۇشۇلسا ، بۇنداق گۈزەللىك تەڭداشسىز گۈزەللىك سانىلىدۇ . ئەمما ئالدىنقى شەرت ، چۇقۇم ئىچكى گۈزەللىك قەلبىڭگە نەقىش قىلىپ چېكىلگەن بولۇشى كېرەك . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇدۇنيادا ياراملىق قىز بولۇپ ئۆتۇشنىڭ پەزىلىتىنى تۇنۇغايسەن ، ياراملىق ، پەزىلەتلىك قىز بولۇشقا ئىنتىلگەيسەن . ياراملىق ، پەزىلەتلىك قىز بولۇشقا ئىنتىلگەيسەن . ياراملىق نازاكەتلىك ، گۈزەل ئەخلاقلىق قىز بولۇش نېمە دېگەن بەخت ، نېمىدىگەن زور ئامەت - ھە ! قىزلىق پەزىلەت غۇنچىسىنى يۈرىكىدە ئېچىلدۇرالىغان ، بۇدۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقىغا تايىنىپ ھۇزورلانغان ، بەھىرلەنگەن قىزلار ، ئانىلار نېمە دېگەن بەختلىك ، نېمە دېگەن شەرەپلىك ، نېمە دېگەن ئۇلۇغ - ھە ! ئەي قىزىم ، قىز بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى ئۇنتۇغان ، ئەخلاقىي بۇلغانغان ۋە نۇمۇسنى ئاياغ ئاستى قىلغۇزغان ئاشۇ يارامسىز قىزلارنىڭ ھالىغا ۋاي دېگەىن !