كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئۈچ سۇئال www.iz.la
مەلۇم بىر ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغان ئوقۇغۇچىلارغا « كىشلىك تۇرمۇش دەرسى » تەسىس قىپتۇ . ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرىستە ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن مۇنداق ئۈچ سۇئالنى سۇراپتۇ :
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
__ 1 – سۇئال : ئاتا – ئاناڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىدىغانلار قول كۈتۈرۈڭلار .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىز ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن قول كۈتۈرۈپتۇ ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن قول كۈتۈرمەپتۇ .
2 – سۇئال : بىز تۇرىۋاتقان ئوقۇتۇش بىناسىدا ئۈچ نەپەر تازلىق ئىشچىسى بار ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككىسىنىڭ ئىسىمىنى بىلىدىغانلار قول كۈتۈرۈڭلار . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى داڭ قېتىپ قاپتۇ ، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئىشقا ھېچكىم دىققەت قىلمىغانكەن .
ئوقۇتقۇچى سۇئالنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ :
__ 3 – سۇئال : ئۆزىگە شاپلاق ئۇرۇپ باققانلار قول كۈتۈرۈڭلار .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ كېتىپتۇ ، كىممۇ بۇنداق ئەخمەقلىق قىلسۇن ! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئوقۇتقۇچى ئاخىرىدا مۇنداق دەپتۇ : بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__ سىلەرگە « كىشلىك تۇرمۇش » دەرسىنى ئۈتۈشىمىزدىكى مەقسەت سىلەرنى توغرا كىشلىك تۇرمۇش قارشى ۋە دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى جاھاندارچىلىق ئىشلىرىنى ئۆگۈتۈش . بايا مەن سۇرىغان ئۈچ سۇئال سىلەر ئۈچۈن قالدۇرۇلغان سىناق .
__ ئاتا – ئانىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ ، - ئوقۇتقۇچى شۇنداق دىگەچ دوسكىغا « ۋاپادارلىق » دېگەن خەتنى يېزىپ ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ۋاپادارلىق ئادەمنى ياخشى يولغا باشلايدۇ ، ۋاپادار ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاق كۈڭۈللۈكنىڭ خېمىرتۇرچى بولىدۇ ، ئاق كۈڭۈل ئادەم چوقۇم ياخشى جاۋاپقا ئېرىشىدۇ .
_ ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىمىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىڭ ، ئوقۇتقۇچى دوسكىغا « ھۆرمەت » دېگەن خەتنى يېزىپ مۇنداق دەپتۇ ، - باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەندىلا ئاندىن ھۆرمەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ . باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەت ئادەمگە كەڭ قۇرساقلىق ، مەردانىلىكنى ئۆگىتىدۇ ، بۇنداق ئادەم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا ئېلىپ چىقالايدۇ .
ئوقۇتقۇچى ئاخىرىدا دوسكىغا « ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش » دېگەن خەتلەرنى يېزىپ مۇنداق دەپتۇ :
_ ۋاپادارلىق بىلەن ھۆرمەتنى بىلمەي يۈرگەن بولسىڭىز ، ئۈزىڭىزگە شاپلاق ئۇرۇشىڭىز كېرەك . ئۆزى ئۈستىدە ئويلانغاندا ، ئىشنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولىدۇ ، ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندىلا ، ئاندىن ئالغا ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ ھەمدە ياراملىق ئادەمگە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلىدۇ . بىر ئادەمنىڭ ئاق كۆۈل ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشنى بەلگۈلەيدۇ ؛ ئۆزى ئۈستىدە ھەرۋاقىت ئويلۇنۇپ تۇرۇش – تۇرماسلىقى ئۇنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەش – ئىلگىرلىيەلمەسلىكىنى بەلگۈلەيدۇ .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
« شەيدائىي »
ئىز تورى www.iz.la