لىمون سۇيى ۋە كالا سۈتى: تېرىسى مايلىق ياكى ئوتتۇراھال كىشلەر قەرەللىك ھالدا لىمون سۈيىگە كالا سۈتىنى قوشۇپ ، ئۇنىڭدا يۈزىنى يۇيۇپ بەرسە ، تېرىنى ئاقارتىدۇ ، پارقىراق قىلىدۇ.
پەمىدۇر سۈيى: بىر دانە پەمىدۇرنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا بىر قوشۇق گلىتسېرىن قوشۇپ ئاندىن بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن يۈزنى ھەر كۈنى10–15 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋىلاپ كېيىن ئىلمان سۇ بىلەن تېرىنى چايقاپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۇۋالسا بولىدۇ . بۇ ئۇسۇلنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى سەپكۈننى سۇسلاشتۇرىدۇ ھەتتا يوقىتىدۇ.
سەۋزە شىرنىسى : ئىككى قوشۇق سەۋزە شىرنىسىگە 20 تامچە لىمون سۇيى قوشۇپ ، كۈنىگە ئىككى–ئۈچ قېتىمدىن يۈزگە سۈرتۈپ ، 20–30مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتسە ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
مامكاپ گۈلى سۈيى : بىر تۈپ مامكاپ گۈلىنى بىر ئىستاكان قايناقسۇغا چىلاپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ، مامكاپ گۈلىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، سۈيى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە سەپكۈن ئورنىنى يۇيۇپ بەرسە ، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيى : ھەر يىلى ئەتىيازدا ھەر كۈنى يۈزنى يۇيغاندىن كېيىن ، لىمون ۋە تەرخەمەك سۈيىنى بىر نەچچە قېتىم سەپكۈن ئورنىغا سۈرتۈپ ، بىر سائەت ئەتراپىدا تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ھەم بۇ ئۇسۇلنى بىر ئايغىچە داۋاملاشتۇرسا ، يۈزنى ئاقارتىدۇ.
تۇرۇپ ۋە پەمىدۇر ياپراقچىسى : يۈنى پاكىز يۇيۇپ ، تېرە ئاسراش مەلھىمى سۈرتۈپ ، ئاندىن يۈزگە بىر نەچچە پارچە تۇرۇپ ياكى پەمىدۇر ياپراقچىسى چاپلاپ ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ، سوغۇق كالا سۈتى بىلەن يۇيسا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يوپۇرماق مەلھىمى:خۇشبۇي كەرەپشىنىڭ يېشىل يوپۇرمىقىنى ئۇششاق چاناپ ، ئۇنى بىر ئىستاكان قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىككى–ئۈچ سائەتكىچە تۇرغۇزۇپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە سەپكۈننى يوقىتىدۇ.
تىرناقگۈل يوپۇرمىقى شىرنىسى :تىرناقگۈل يوپۇرمىقىنىڭ شىرنىسىنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرسە ، يۈزدىكى سەپكۈننى يوقىتىپ،تېرىنى ئاقارتىدۇ.