چەت ئەللىكىلەرنىڭ( ئالي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرمەي ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈپ ئالىم بۇلامدىكەن . بىزدە نى نى ئالي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر ئالىم بولالمىغا يەردە ئۇلارغا نىمە قۇيۇپتۇ ؟ كەشپىيات دىگەن قانچىلىك نەرسىدى ) دەپ ھەسەتخورلۇق قىلىپ ، ئارسىدىن چىققان ئالمىلارنى تىرىك كۆمۈۋەتمىگەنىگە ھەيرانمەن. مارا دونا ، رونالدۇدەك چولپانلىرنىڭ (تۇرمۇشى چېچىلاڭغۇ ، چېچىنى غەلتە ياسىۋالىدۇ ، بۇنداق شاللاق بۇنداق قىزىل كۆز ) دەپ پىيىنى قىرىقىۋەتمىگەنىگە ھەيرانىمەن . مايكول جىكىسوننى ( تېرسىنى 70 قىتىمىدىن ئارتۇق ئالماشتۇردى ، ناخشا ئېيىتىشقا مۇناسىپ ئەمەس ، كۆرە كۆزىمىز يوق ، سەھىنىدىن يوقالسۇن ) سەپ گۇناھ ئارتىپ ، سەھىنىگە شاپاق ئېتىپ چامما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۋەتمىگەنىگە ھەيرانىمەن . قوشىنىلىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ باي بولسا ؛( نىمىشقا مەندىن ئۆتۈپ كەتكىدەك ؟نىمىشقا باي بۇلۇپ كىتىدۇ ) كىچىسى يۈرىكىنى تاتىلاپ ئۇخلىيالماي ، قوشىنىسنڭ ئۆيىگە ئوت قۇيۇپ ، كۈلنى كۆككە سورۋەتمىگەنگە ھەيرانمەن ؟
ئۆتكەن يىلى روزا ھېيىتتا دوستۇمىنىڭ ئۆيىگە پەتلەپ كىرىپ ، ئۈستىلىدىكى ساڭزىغا كۆزۈم چۈشىتى ؛
- پاھ نىمىدىگەن چىرايلىق تىزىلىغان ساڭزىلار بۇ ؟ مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دىگىنە .
- ياقەي ئۆزۈم سالمىدىم ، بىر تۇنۇشۇم سېلىپ ساتقان . قۇربان ھېيىتتا مەنمۇ شۇ ئايالدىن سېتىۋالايچۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل قۇربان ھېيىتقا بىر ھەپتە قالغاندا ھېلىقى ئايالنى ئىزدەپ باردۇق . copyright by www.iz.la
- بۇ ھېيىتتا ساڭزا سالمايدىكەن داۋاتىمەن .
نىمىشقا ئەمىدى ؟ساڭزىنى ئادەم قاراپ ئولتۇرغىدەل چىرايلىق تىزدىكەنسىز ، سالامەتلىكىڭىز يار بەرمەمىدۇ يا ؟
www.iz.la
- ياقەي سالامەتلىكىم ياخشى ، ۋاقىتىمىمۇ بار . بىراق قورساق كۆپىكى مىنى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تۆت بالسى بار ئىش ئورۇندىن بۇ ئايالنى يولدىشنىڭ ئىدارىسى كۆڭۈل بۆلۈپ ،60ئائىلىك كىچە كۈندۈز بۇ قورۇننىڭ كۈزەتىچىلىكىنى قىلىشقا ئورۇللاشتۇرۇپتۇ ( يولدىشى كىچىسى قارشىپ بىردىكەن ) كۆزەتخانا ئۆيىگە پار ئورنىتىلىغاچقا ، قىشتا كىچە- كۈندۈز ئوت قالاشقا توغرا كىلىدىكەن . ئۇ ئايال كۆزەتىچىلىك قىلىغاچ ئىككى ھېيىتتا ساڭزا سېلىپ قۇلۇم - قوشىنىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ تۇرمۇشنى قامديدىكەن .ئۇ ساڭزا سېلىشقا ئۇستا بولغاچقا ، دەسلەپتىلا بازىرى چىقىپتۇ .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
- قوشنىلار ئۆزلىرە سېتىۋالغاندىن سىرىت ئۇرۇق - تۇققان يېقىن تۇنۇش بىلىشلىرگىمۇ سېتىۋلدى مەن باھانى مۇۋاپىق قىلىدىم، ياغىنىڭ ئەڭ ياخشىسنى ئىشلەتتىم ، ھەممسى رازى بۇلۇشتى . تۆت بالامىنىڭ ئىككىسى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتىدۇ ، ئىككى بالام ئوقۇيدۇ ، تۇرمۇشىمىز قەدرەھىۋال ئۆتىدۇ . قارمامىسىز ، مىنىڭ بۇ ئىشىمىغىمۇ چىچەك چىقىتى . بىرسى يولدىشمىڭ ئىدارسىغا بىرىپ ئىشخانا مەسئۇلىغا ( ھۆكۈمەتنىڭ كۆمۈرنى ئىشلىتىپ ساڭزا سېتىۋاتىدۇ ) دەپ چىقىپتۇ . بىراق ھېلىقى ؛( ساڭزا سالمىسمۇ بەرىبىر ئوت قالايدۇ ئەمەسمۇ ؟بۇنىڭ ئەجەپلەنگۈدەك نىمىسى بار ) دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ . بۇنى ئاڭلاپ قورسىقۇم كۆپتى . مەن تېخى بىر كەمبەغەل ئايالنى خېمىز ئېشىپ بىرشىكە تەكىلىپ قىلىپ ئۇنۇڭىمۇ ھاجىتىدىن چىققان ئىدىم . قوشىنىلار ھەممىسى بىلەن تەڭ ئىناق ئۆتىمەن . قايىسىبىرسنىڭ ئىچى يامانلىق ئىشىدۇ بۇ ؟ ئىدارىگە بىرىپ چاققۇچە ئۆزۈمىگىلا بىرىپ دىسە بولمىدىمۇ ؟بۇ ئىشىمىدىنىمۇ قۇرۇق قالىمەنمىكى دەپ ئەنسىرەيمەن ...- دىدى ئۇئايال .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ياقامىنى تۇتۇپ توۋا دىدىم ، ھەسەتخورلۇقىمىزغا يۈزۈم قىزاردى ، قوشىنىسنىڭ ئېشىغا توپا چاچىقان نائەھىلىگە غەزىپىم كەلدى . شۇ ئايال تۆت بالسنى ئوقۇتۇپ بولالماي ، ھەر كۈنى ھېلىقى ھەسەتخورنىڭ ئۆيىگە تىلەپ بارغان بولسا ، ( مەندىن تىلەپ كۈننى ئۆتكۈزىدى ) دەپ ئىچىدىكى ھەسەت ئوتلىرى ئۆچەرمىدى؟ نۇمۇس قىلىماي يلىدا ئىككى قىتىم كىلىدىغان ساڭزا سېلىپ ساتقىنىغا چىدىماي ، چېقىمىچىلىق قىلىغان قارا يۈز ئۆزنى يەنە مەن ئادەم دەپ يۈرەمدىغاندۇ ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
يىل ئاخىرى ھەرقايسى ئىدارە ، جەمىئىيەت كان - كارخانلار بىر يىللىق خىزىمىتىنى خۇلاسىلەيدۇ ، ئىلىغارلارنى مۇكاپاتلايدۇ ، بۇ نۇرمال ئەھۋال . لىكىن XXX ئورۇندىكى ئەھۋالغا قاراپ باقايلى ؛ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان ئىشىچى خىزمەتچىلەر يىغىن زەلىغا كىرىپ كەلدى . بىر يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەنگەندىن كىيىن ، ئىلىغارلارنىڭ ئىسمىلىكى ئىلان قىلىندى . ئىككى قىرنىدىشىنىڭ سەھىنىگە چىققىنى كۆرگەن 6-7 كىشى ئورۇندىن تۇرۇپلا زالىدىن چىقىپ كەتتى . ئولتۇرغانلارنىڭ بەزلىرى ھەيرانلىق ئىلىكىدە ، بەزىلىرى زاڭلىق ئارلاش ئاغزىنى پۈرلەشتۇرۇپ ، ئۇلارغا مەسخىرە نەزەر بىلەن قاراشىتى . بەدىنىم شۈركۈنۈم نۇمۇسىتىن يەرگە كىرىپ كەتىكىدەك بولدۇم . چۈنكى چىقىپ كىتىۋاتقانلارمۇ قىرنىدىشىم ئىدى . دۇنيادا يۈزدە- يۈز مۇكەممەل ، توغرا بولدىغان ئىشلار بولمايدۇ ، ئىلغار سايلاشىتىمۇ ئۇلاردىىمۇ كۆپرەك تۆھىپىسى بار ، ياخشى ئىشلىگەنلەر بۇلۇشى مۇمىكىن . يا ئۇنداق يا بۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار سەھىنىگە چىقالمىغاندۇ . بۈگۈنلا ئاخىرىقى زامان بولمىغاندىكىن ، بۇ يىل بولمىسا كىلەر يىلى ، كىلەر يىلى بولمىسا يەنە بىر سەھىنىگە چىقىشىقا ئۇلارغىمۇ پۇرسەت بار ئىدىغۇ ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇ تاپتا ئىلىگىرى ئوقۇغان ( نەسىرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسە ) بىر ۋەقەلىك ئىسىمىگە كەپقالدى ، قىسەدىكى ئەزىز بەگ بىر يىزىدكى كۆلنى ئىگىلىۋېىلىپ ، يەر سۇغرىش مەزگىلى كەلگەندە دېقانلارنى نۇرغۇن پۇل بىرشىكە مەجبۇرلاپتۇ نەسىردىن ئەپەندى ئۆزنىڭ پەم - پاراسىتى بىلەن ئەزىز بەگدىن كۆلنى تارتىۋېلىپ ( ئىشكىگە ئايرىۋاشلاپ ) ، شۇ يىزىكى كەمبەغەل يىگىتىنى كۆلىگە مەسئۇل قىپتۇ ۋە ئۇنڭىغا؛( بۈگۈندىن باشلاپ { مەن } دىگەن سۆزنى ئۇنتۇغىن { بىز } دىگەن سۆزنى ئىشلەت . سىنىڭ ئېتىزىڭ ھەممىنڭ كەيىنىدە سۇغۇرۇلسۇن ، ئالىدى بىلەن قىرنىداشلىرىڭىنى ئويلا ...) دەپ جىكىلەپتۇ . بىز قاچانىمۇ {مەن} دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا { بىز} دىگەن سۆزنى ئىشلتىشنى ئۈگۈنەمىز ، قەلبىمىزدىكى ھەسەت ئوتلىرى ، كۆرەلمەسلىك قاچانمۇ تۈگەر قاچانغىچە ( ساڭمۇ يوق -مەڭمۇ يوق ) بۇلۇپ يۈرەرىمىز .
دىمەك بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر- بىرنى كۆرەلمەيىدىغان ،ھەسەتخور ، ئۆزى قىلالمايدۇيۇ ، باشقىلارنىڭ ئېشىغا توپا چاچىقىنى چاچىقان . ئىز تورى www.iz.la
ھۆرمەتلىك تورداشلار سىلەرنىڭ بېشىڭىلاردىن مۇشۇنداق ئىشلار ئۆتكەنمۇ . سىلەر باشقىلارغا ھەسەت قىلىغانىمۇ ؟ياكى باشقىلار سىلەرگە ھەسەت قىلىغانمۇ ؟
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق