چىن ۋاپالىق ، سەمىمىي دوسىتلىرىم قايدا !؟ ...
مەن خۇددى بىر شېرىن چۈش كۈرۈۋاتقاندەك ئۆزۈمدىن - ئۆزۈمگە سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىم . زادى سەۋەنلىك مەندىن ئۆتتىمۇ ؟ مەن قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ . ئۇلۇغ رەببىمدىن شۇنداق بىر مۇناجەت قىلىپ سورايمەن ، بۇ ئىنساننىڭ خاس تەبىئىتىمۇ ؟! ... مەن ھېچ بىلەلمىدىم . مېنىڭ شۇنداق ياخشى دوسىتلىرىم بارئىدى . ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇلارنى سايىسى خۇددى غۇۋا بىر سايىگە ئوخشاپلا قالدى . مەن ئۆزۈمگە خىتاپ قىلىپ ئۆزۈمنى بەكلا ئەيىپلىگۈم كېلىپ تۇرىدۇ ، ئەمما قانداق ئەيىپلەشنى ھېچ بىلەلمىدىم . دوسىت ، دوسىتنىڭ ئەيىپىنى ياپار ، دوسىت دوسىتنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە يېقىن تۇرالىسا بۇنى مېنىڭچە ھەقىقىي دوسىتلۇق دەپ قاراش مەندىكى بىر ئارزۇ ئىدى ، مەنچە قىلىپ ئېيىتقاندا مەندە ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان سەمىمىي نىيەت بار . بۇ دۇنياغا مېھمان بولۇپ كەلگەن مەندەك بىر ئىنسان ساھىپخاننىڭ ئالدىدا بىھۆرمەتلىك قىلسام ، ھەقىقىي ئىنسانىي قىممىتىمنى پەقەتلا دەپسەندە قىلسام ، ئادىمىيلىك تەبىئىيتىدىن پەقەتلا يالتايسام ، ياشىدىم دەپلا ئەتراپىمىزدىكى بىرقىسىم ياشاشنىلا بىلىدىغان ئادەملىرىمىزدەك ياشاپ ئۆتۈپ كەتسەم مەن نېمە ئەمدى ؟ . مېنىڭ شۇ غەمگۇلزار دوسىتلىرىم بىرقانچە قېتىم مېنىڭ زىتىمغا تىگىدىغان غەيۋەت شىكايەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپتۇ ، ھەتتاكى مەن بار سورۇنلاردا ئۈزى دۇنيادا ئەڭ دەپ قاراۋاتقان يېقىن سىرداشلىرىنىڭ غەيۋەتلىرىنى قىلىپ ئۈزۈنى نېمىگە ئوخشىتىپ قويدى . مەن شۇنداق چوڭ بىلەتتىم . ئەمما ...
غەيۋەت شىكايەتچىلەرنى قەتئىتي ياختۇرمايدىغانلىقىنى ، ياغانچى ، مەنمەنچى ، سۇخەنچى ، تەكەببۇر، ناشۈكۈر ئىنسانلارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ، بۇنى شەيتانلىق ، بۇنداق ئادەمدىن ئۈزۈڭنى نېرى تۇت دەپ بىزلەرنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدى . مەن ئۈزۈممۇ بىر يالغانچى ، سەمىمىيەتسىز ئادەم دەپ بەزىي ۋاقىتلارنى ئۈزۈمنى ۋە تورداش دوسىتلارنىڭ خاتا تونۇشلىرىنى ئانچە - مۇنچە پىكىر تەلەپلىرى ۋە ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئاڭلاپ قالىمەن . ھەقىقەتەن بۇ باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى بھۇدە ئوغۇرلىغان بىلەن باراۋەر . شۇڭا مەن ئۈزۈمگە ۋە باشقا تورداش دوسىتلارغا ئەمدىلىكتىن شۇنداق بىر خىتاپ قىلاي ، سىللەر قۇبۇل قىلامسىلەر ياكى قۇبۇل قىلمامسىلەر ، باشقىلارنىڭ ئەمگەكلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ توردىن تورغا كۆچۈرىدىغان ئىشلارنى قىلمايلى ! ... پەقەت بىردىكى ئىزدىنىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن ئەمگەك مېۋىمىزنى قەدىرلەپ تورنىڭ ئىناۋىتىنى قاتتىق قەدىرلەپ ئۆتسەك نېمە دىگەن ياخشى . مەن تۇرۇپ ئويلاپ كۆز ئادىمدىكى دوسىتلۇقتىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلدىم . پەقەت سەمىمىي ، ساپدىل دوسىتلارنى ئىستەيمەن . بۇ يەردە مەرتىۋە ۋەياكى پۇل بايلىق ، شۆھرەت تەمەسىدا بولمايدىغان ھەقىقىي كۈيۈمچانلىقنى ئىستەيدىغان ، ئىنساندەك ياشاش ئىرادىسى كۈچلۈك بولسۇن ، ياش ياكى باشقا تەرەپلىرى بىلەن قەتئىي ھېسابلاشمايدىغان ، مېھنەتسىز بولسۇن ! ... ئازتۇلا مىللتىمىز ئۈچۈن ھەق گەپ ۋە ھەق پىكىر قىلالايدىغان ، نەپسە بالايى ئەمەس ، بەلكى سەۋىرى تاقەتلىك ، ئۆمرىنى ھەقىقىي ئىنساندەك مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى بىلىدىغان ( ئىنساننىڭ ئىككى خىل تەبىتى بار ، بىرسى ئادەم ، يەنە بىرسى ئىنسان ، ئادەم ئىككى خىل ، بىرسى ھايۋان ، بىرسى ئادەم ، ئىنسان پەقەت بۇ ھەقىقىي ئىنسان ، ئادىمىزاد سىماسى ) شۇنداق دوسىتلار بىلەن دوسىت بولۇپ ئۈتۈشنى ئىستەيمەن . ھەرقايسى توربىكەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش مېنىڭ بۇندىن كېيىنكى بىر- دىن نىشانەم . مەنمۇ ئانچە مۇنچە كۈچۈرمىچىلىك قىلىپ قالدىم ، بۇندىن كېيىن تۈگەپ كەتسۇن ! ... مېنىڭ ھەقىقىي دوسىتلىرىم ئىزتورى ئىزدەك بولسۇن !... تور بىكەتنىڭ ئىناۋەت ۋە ئوبرازى مېنىڭ ۋە سىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىڭىزگە مۇھتاج . يالغانچىلىق ھايۋانلىق ، باشقىلارنى ئالىداش تولمۇ ئىپلاسلىق . مەن ھازىر يەككە يىگانە قالدىم . مېنىڭ شۇنداق ياخشى دوسىتلىرىم زادى چىقارمۇ ؟ ... ئاخرىدا بارلىق مۇسۇلمان تورداشلارنىڭ ئايىمىگە قۇتلۇق تىلەيمەن . خۇشاللىق سىزلەرگە يار بولسۇن ! ... بارلىق ئەجىر - مېھنەتسىز تۆھپىكار ، مېھىربان ئۇستازلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن ! ... ئەزىز تىنىڭلار ئامان بولسۇن ! ... دۇنيا سىلەر بىلەن گۈزەل ...