بەندە دۇئا قىلىشبىلەن بىللە سەۋەبنىمۇ قىلىشى كېرەك. دۇئادا تىلغا ئېلىنغان تىلەكلەرنىڭ ئىشقائېشىشى ئۈچۈن دۇئاغا ئىش ھەرىكەت ياندىشىپ كېلىشى لازىم. كۆڭۈلگە پۈككەن بىرەرمەنپەئەتكە ئېرىشىش ياكى بىرەر زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئورۇنۇپ كۆرۈش لازىم. خۇداغا تەۋەككۈل قىلدىم دەپ ئوڭدا يېتىش ياكى قاراملىق بىلەن قارىسىغا ئىش يولى ۋەقانۇنىيىتى بويىچە ئىش كۆرۈپ، سەۋەبىنى قىلىپ قويۇپ ئاندىن اللە تەئەلاغا تەۋەككۈلقىلىش لازىم. ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنغان تەۋەككۈلنىڭ ھەقىقى مەنىسى ئەنە شۇپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىكى: «سىلەر اللە قا ھەقىقى تەۋەككۈل قىلىدىغانبولساڭلار خۇددى قۇشلار ئەتىگەندە ئۇۋىلىرىدىن ئاچ چىقىپ، كەچتە توق قايتىپئوزۇقلاندۇرۇلغاندەك، ئەلۋەتتە، سىلەرمۇ رىزقىلاندۇرۇلغان بولاتتىڭلار». دېگەن سۆزىنىڭمەنىسىمۇ تەۋەككۈل بىلەن سەۋەبنىڭ مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەندۈرۈپبىرىدۇ. قۇشلار بولسا ئۇۋىلىرىدا ياتماي كۈندۈزىدىن كەچكىچە ئۇچۇپ يۈرۈپ يەمئىزدەيدۇ. نەتىجىدە ئۆزىمۇ تويغۇدەك، ئۇۋىسىدىكى بالىلارغىمۇ توشۇغۇدەك يەمگەئېرىشىدۇ . خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : «بىرەر سىڭلار اللە نىڭ ئاسماندىنئالتۇن بىلەن كۈمۈش ياغدۇرمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، رىزقى تەلەپقىلشى يولىدا ھەرىكەتقىلماستىن، ئى اللە ماڭا رىزقى بەرگىن دەپ قاراپ ئولتۇرمىسۇن» دېگەن . «قۇرئانكەرىم» دە اللە تەئەلا : «ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ ». (53- سۈرە نەجىم 39- ئايەت) دەيدۇ. مانا بۇلاردىن ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دەپئولتۇرۇشنىڭ قەتئىي خاتا ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرۈۋالالايمىز . ئىز تورى www.iz.la
دۇئا ئارقىلىق اللە قائىلتىجا قىلىش بىلەن بىللە ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر ۋە ئامالئىزدەش لازىم. «تەلەپ قىل، سەۋەب قىل» دېگەن ئاتىلار سۆزى ئىسلام دىننىڭ روھىغائۇيغۇن ھالدا ناھايىتى جايىدا ئېيتىلغان.
سەۋەب بىلەن بىللەقېلىنغان دۇئا، ئىماننىڭ خىسلەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ . سەھىھ ھەدىسلەرنىڭمەزمۇنى بويىچە ئېيتقاندا ، ئىمان دېگەن تىل بىلەن ئېيتىش، دىل بىلەن ئىشىنىش، قولسېلىپ ئىشلەشلەردىن ھاسىل بولىدۇ . تىل، دىل، ھەرىكەت ماسلىشىپ قىلىنغان دۇئائاندىن دۇرۇس دۇئا سانىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىرەر مۇسۇلمان بەندە اللەدىن دۇنيادا رىزقىنىڭ كەڭ بۇلىشىنى، ئاخىرەتتە مەغپىرەت قىلىنىشىنى ۋە شۇنىڭدەكئىشلارنى تىلەيدىكەن، چىن دىلى بىلەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
اللەقا يۈزلىنىشتىن تاشقىرى، رىزقىغا ۋە مەغپىرەتكە سەۋەب بولدىغان ئىشلارنى قىلىشىلازىم بولىدۇ . ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.
ئىسلام ئائىلسى تور بىتىدىن ئىلىندى islamhouse.com