مال ساتقۇچىنىڭ سۆزلەش يوسۇنى

ۋاقتى:2009-10-03 09:23مەنبە: يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
   مال ساتقۇچى خېرىدار بىلەن پاراڭلاشقاندا تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . 1.سۆزلىشىدىغان مەزمۇننى ئالدىنئالا تەييالىۋىلىش لازىم .بىلمەيدىغان ياكى سىزنىڭ خىزمەت دائىرىڭىزدە بولمىغان ئىشلارغا خالىغانچە ئىپادە بىلدۈرمەسلىك ياكى جاۋاب بەرمەسلىك . ئىشەنچىسى بولمىغان ئىشلارغا ۋەدە قىلماسلىق لازىم . 2.سۆزلەشكەندە قارشى تەرەپ بىلەن بەك يېقىن تۇرىۋالماسلىق ، قول ھەرىكىتىنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك ۋە قولىنى سېيىپ باشقىلارنى كۆرسەتمەسلىك ، باشقىلارنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلىماسلىق كېرەك. 3.سۆزلەشكەندە سەمىمىي ، ئوچۇق-يورۇق بولۇش كېرەك . باشقىلارنىڭ مائاشى ، كىيىمىنىڭ باھاسى ۋە باشقا شەخسىي ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشماسلىق ، ئۆلۈم - يېتىم ، كېسەل توغرىسىدىكى كۆڭۈلسىز پاراڭلارنى قىلماسلىق كېرەك . شۇنداقلا گەپ قىلغاندا لايىقىدا بولۇش ، باشقىلارنى زىيادە ماختىۋەتمەسلىك ياكى بەك كەمتەرلىك قىلىپمۇ كەتمەسلىك لازىم . 4.قارشى تەرەپ گەپ قىلغاندا ، دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ، قارشى تەرەپكە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش . قالايمىقان باشقا تەرەپلەرگە قارىماسلىق ، باشقىلارنىڭ گېپىنى قالايمىقان ئۈزىۋتمەسلىك ، سائىتىگە قارىماسلىق ، ئەسنىمەسلىك لازىم .
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(16)
84.2%
ئالقىشلايمەن
(3)
15.8%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك