
خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بىۋاستە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە ، ئىشلىرىڭىزنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ناۋادا خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ياخشى بولسا ، ئۆزىڭىزنى خۇشالئازادە ھېس قىلىسىز . بۇ خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، كەسپ تەرەققىياتىڭىزنىڭ تىز بولۇشىغا پايدىلىق . ئەكسىچە بولغاندا ، خىزمەتداشلار ئارىسىدا بىر خىل جىددىي كەيپىيات شەكىللىنىپ ، دائىم ئۆزئارا سۈركىلىش كېلىپ چىقىپ ، نورمال خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، كەسىپى خىزمەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە قائىدە يوسۇنلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك : 1. خىزمەتداشلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ . ئۆزئارا ھۆرمەتلەش بولسا كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسى ، شۇنداقلا خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭمۇ ئاساسى . خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قېرىنداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشىمايدۇ . قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتە كەتكۈزۈپ قويسىڭىز ، قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن تۇلۇقلاشقا بولىدۇ . ئەمما خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە خىزمەتنى چۆرىدىگەن مۇناسىۋەت ، سىز كەتكۈزۈپ قويسىڭىز ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش قېيىنغا توختايدۇ . شۇڭا خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا قارشى تەرەپنى چوقۇم ھۆرمەت قىلىش كېرەك . 2. ئىقتىسادىي جەھەتتە چەك چىگرىنى ئېنىق ئايرىش . خىزمەتداشلار ئارىسىدا پۇل ، باشقا نەرسىلەرنى ئۆتنە قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن . مۇھىمى ھەر بىرسىنى ئېنىق ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ ، ۋاقتىدا قايتۇرۇڭ ، ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ . ماددىي جەھەتتە مەيلى ئاڭلىق ھالدا ياكى ئاڭسىز ھالدا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئېگىلىۋىلىش قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە نارازىلىق كەيپىياتى شەكىللىنىپ ، سىزنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزغا تەسىر يېتىدۇ . 3. خىزمەتداشلىرىڭىز قېيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا كۆڭۈل بۆلۈڭ . خىزمەتداشلىرىڭىز قېيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم بېرىڭ .بۇنداق قىلغاندا سىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مۇناسىۋىتىڭلار تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ . 4. خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ كەينىدن ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى مۇنازىرە قىلماڭ . ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكى بولىدۇ . مەخپىيەتلىك بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىناۋىتى ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . شۇڭا باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى مۇنازىرە قىلغاندا ، ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ئاشكارىلىۋىتىپ قالماستىن ، يەنە ئۇلارنىڭ نام ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 5. ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقى ۋە ياكى خىزمەتداشلىرىڭىز ئارىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلاردا ئاكتىپلىق بىلەن كەچۈرۈم سوراڭ ياكى چۈشەندۈرۈڭ . خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . ئەگەر مەسىلە كۆرۈلسە ، ئاكتىپلىق بىلەن كەچۈرۈم سوراش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ كەچۈرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ .