قىز چاق يۇزڭىزنى يۇيۇپ كىرەمسىز

ۋاقتى:2010-08-13 17:31مەنبە: يوللىغۇچى:مھرىبانگۈل چېكىلىشى:قىتىم
  

                نەچچەكۇن ئلگىرى مەن مۇنداق بىر ئشقا يولۇقتۇم ، تورداشلارنىڭ كۆڭلىگە ياقامدۇ يوق بىلمىدىم ، بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەن نەچچەكۇن ئلگىرى دوختۇرخانىغا كىسەل كۆرسىتىش ئۇچۇن باردىم ،خىلى بۇرۇن بارغان بولساممۇ لىكىن ئادەم شۇنداق كۆپ ئىدى ، بۇيەردە ئاساسەن مىللىلار بەك ئاز بولغاچقا كۆپۇنچە دوختۇرلار  خەنزۇ  ئىدى ، ئىچكى بۆلۇمدە ئاز سانلىقلار ئۇچۇن  ئورۇنلاشتۇرغان  بىرلا ئۇيغۇر بار  بولغاچقا ، ئۇزۇن ساقلاشقا توغرا كىلەتتى ، مەنمۇ نۇمۇرنى ئىلىپ ئۆچرەت كۇتۇپ تۇرغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىپ ئولتۇردۇم ، بۇيەردە ياشانغانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيتى ، ھەممىمىزگە مەلۇم چوڭلار بىريەر گە كەلسە گىپى تۇگمەيلا كىتىدۇ ، مەن ئۇلارنىڭ ئايغى چىقمايدىغان گەپلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ ساق بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۇپتۇ ، بەكلا ئچىم سىقلىپ كەتكەن ئدى ،كىسلىممۇ ئغىرلاپ كەتكەندەك تۇيلۇشقا باشلىدى ،زىركىشلىكتە ئەتراپقا قاراپ يۇرۇپ بىردىنلا مەندىن سەل نىرى ئورۇندا ئولتۇرغان بىرجۇپ ياشقا كۆزۇم چۇشتى ، مەنلا ئەمەس بۇلار خىلى كۆپ ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك قىلاتتى ، قارماققىلا بۇبىر جۇپ ياش ئاشىق -مەشۇقلار دەك كۆرنەتتى ، قىزچاقنىڭ چاچلىرى بۇدرە ، سىرىققا بويالغان بولۇپ شۇنداق قالايمىقان قىلىپ ياسىۋالغان ،گىرمىمۇ شۇنداق قىنىق بولۇپ ئەسلى چىرايىنى  كۆرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، كىيۋالغان كىيمىمۇ ،بۇدىگەن مودا دىگەندەك قىلىپ ئوغۇل ھەمرايى بىلەن ئوخشاش  قىلىپ چاقماق ئشتان كىيۋالغان ،ھىلقى ئوغۇلمۇ ،قارسىڭىز  بىر قۇلقىدا ھالقا ،بوينىدا زەنجىر ،چاچلىرى سارغۇچ سىرىقتا بويالغان  ئوتتۇر بۇي بالا ئدى ، ئورۇندۇقتىمۇ بىر -بىرىنى قولتۇقلۇشۇپ ئولتۇراتتى ، ئۇلاردا قىلچىلىك تەپتارتىشتىن ئەسەرمۇ يوقتەك قىلاتتى ، ئۇلار كىسەل كۆرسەتكىنى كەلگەنمىدۇ ياكى ؟  تۇيۇقسىز 52-نۇمۇر دىگەن ئاۋاز خىيالىمنى بۆلدى ، دەرھال نۇمرۇمغا قاردىم ،مەن 53-نۇمۇركەنمەن ،كىم بولغىتى بۇ دەپ ئەتراپقا قارغاچ دوختۇرنىڭ قىشىغا كىردىم ، قارسام ھىلقىلار ئىكەن ،قارغاندا قىزنىڭ مىجەزى يوق ئوخشايدۇ ، مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇردۇم ، دوختۇر ئۇلارغا بىرقارۋەتكەندىن كىيىن ،نىمەبولدىڭىز ؟ نەرىڭىز ئاغرىيدۇ ،دەپ سوردى ،قىزچاق -بىقنىنى كۆرسەتتى ، دوختۇر قىزنىڭ بىقنىنى تۇتۇپ بىردەم تەكشۇرۇش ئلىپ بارغاندىن كىيىن ،قىزنىڭ چىرايىغا سەپسىلىشقا باشلىدى ، بىردىنلا دوختۇرنىڭ چىرايى ئۆڭدى ، قىزچاق يۇزڭىزنى يۇيۇپ كىرەمسىز ،دىدى ،قىزھەيران بولىغان  ھالدا .نىمىشقا دەپ سوردى ، دوختۇر سۆزلەشكە باشلىدى .كىسەلنىچۇ چىرايىڭىز دىكى ئۇزگۇرۇشلەرگە ، قاراپ ئاندىن بىرنىمە دەيمىز ،بۇتۇرقىڭىز بىلەن نىمىنى كۆرگىنى بولىدۇ  ،كىسەل كۆرسەتكەندە گىرىم قىلماي كىلىشنى بىلمەمسىز  ،تىز بىرىپ يۇزڭىزنى يۇيۇپ كىرىڭ دىدى، قىزنىڭ چىرايى ئۆڭدى ، كىسەل يۇزۇمدە ئەمەس  ئچىمدە بولا شۇنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ دوختۇرمىش تىخى ، گىرمىم نەرىگە پۇتلاشتىكىنە . بىلمىگەن نىمسىگە ، كەلمىسەم بوپتىكەن ئەسلى دەپلا قىيداپ يىگتىنىڭ قولدىن تارتقانچە چىقىپ كەتتى ، توۋا مايمۇندەك بولۋىلىپ كىسەل كۆرسەتكىنى كەلدىمكىنە دەپ بىرنىملەرنى دىگىنى تۇر دى دوختۇر ، مەنمۇ ئازراق دورا يازغۇزۇپلا چىقىپ كەتتىم ، توۋا نىمە بولۇپ كەتتىكىنە بەزى ئوغۇل -قىزلار  ، پەقەت قاملاشماي قاپتۇ ،ئوغۇلمىكىن دىسە ئوغۇلغا ئوخشىمسا ،نىمە دىسەك بولار كىن ئەمدى ،دىگەندەك غۇل-غۇلا كۆترۇلۇشكە باشلىدى چوڭلار ئارسىدا ، مەنمۇ ئاستا مىڭىپ چۇشۇپ كەتتىم ، ئويلاپ باقسام راسلا بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا قانداق مۇ كىسەل كۆرگىنى بولسۇن ، ئامال بار ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۇچۇن خانىم -قىزلار كىسەلخانىغا گىرىم قىلماي بارساق ،ھەممىمىز گە ياخشىكەن ،

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 

ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(23)
88.5%
ئالقىشلايمەن
(3)
11.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك