ئېيتىشلىچە ، ئايغىر ئۆز ئانىسىغا چېپىلمايدىكەن . نەپسانىيەتچى ئادەم بىر نەسىللىك ياش ئايغىرنىڭ بالىسىنى ئالماقچى بولۇپ ، ئۇنىڭ كۆزلىرنى تېڭىپ قويۇپ ئانىسىغا چېپىلدۇرۇپتۇ . ئىشتىن كېيىن ياش ئايغىر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇقۇپ قېلىپ ، ئۆزىنى ھاڭغا تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ .
:
بۇلارنىڭ قايسىسى ھايۋان ، قايسىسى ئىنسان ؟
ھۇشيار بولۇڭ ئادەم بالىسى
بۇرۇنقى چاغلاردا جىن -ئالۋاستى بار ئىدى ، ئۇلار كونا تاملىق ، تاشلاندۇق مازار ، ئەسكى جاڭگالدىكى يالغۇز تال - دەرەخلەردە ماكانلار ئىدى . شۇڭا جىنلىق ، جىنخانا ، جىنلىق ھويلا ، جىن جۈجەم (ئۈجمە) ...........دېگەندەك يەر نامىلىرى كېلىپ چىققان . كىشىلەر ئۇلارنىڭ ماكانىنى بىلگەچكە ،ئۇندا يەرلەرگە يولىماس ياكى ئۇ يەرلەردىن ئېھتىيات قىلىپ ، دۇئا-دۇرۇت ئوقۇپ ئۆتەر ئىدى .
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە جىن- ئالۋاستى دېگەندەك نەرسىلەر كىشىلەرنىڭ كۆزلىرگە چېلىقماس بوپكەتتى ، چۈنكى ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ قەلىبلىرگە ماكانلىشىۋالدى . شۇڭا ، ئادەملەر جىن- ئالۋاستىلارنىڭ بار- يوق يەرلىرنى بىلەلمەي ھە دېسىلا پۇتلۇشۇپ سەندىرەكلەپ يۈرىشىدۇ ۋە بۇنىڭ سىر- ئەسرارى تېگىگە يېتەلمەيدۇ .
ئىز تورى بەك ياخشى
جىن- ئالۋاستىلار ئىچىمىزگە كىرىۋالدى ، ھۇشيار بولۇڭ ،ئەي ئادەمزات !
ئىز تورى بەك ياخشى