تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، پاكىز، رەتلىك، بەدەنگە يارشىملىق، سالاپەتلىك، چوڭ سۈپەت كىيىم- كېچەك كىشىدە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل ئىكەن. ئەرلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى كىيىم- كېچەككە ئۆزنى ئۇرۇپ كەتمەيدۇ. بىراق، بۇ ئۇلارنىڭ پاكىز، رەتلىك يۈرىشىنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىسلام دىنىمۇ كىشلەرنىڭ چىرايلىق كىيىنىشىنى، ياخشى كۆرۈنۈشىنى، ئاللاتائالا يارتىپ بەرگەن زىننەت ۋە كىيىملەردىن پايدىلىنىشنى ھالال قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى تەلەپ قىلغان، چىرايلىق ۋە زىننەتلىك كۆرۈنۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بۇرۇن، پاكىزلىققا تېخىمۇ چوڭ ئەھمىيەت بەرگەن. چۈنكى پاكىزلىق ھەرقانداق زىننەت ۋە چىرايلىق كۆرۈنۈشنىڭ ئاساسىدۇر. گەرچە كىيىم- كېچەك بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى، ئەقىل- پاراسىتى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان بىردىنبىر ئامىل بولمىسىمۇ، لېكىن پاكىز، رەتلىك، يارشىملىق كىيىنگەنلەرنىڭ ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇردىغانلىقىنى ھەمىدە ھەرقانداق يەردە قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئېرىڭىزنىڭ كىيىم ئىشكاپىدا گەرچە ئانچە جىق كىيىم بولمىسىمۇ، لېكىن رەت- رېتى،خىل-خىلى بىلەن ئېسىۋىتىلگەن، دەزماللانغان، ئىچ كىيىم ۋە پايپاقلىرىمۇ ئۆزىگە مۇۋاپىق ئورۇندا پاكىز تۇرغان بولسا، ئېرىڭىزنىڭ ئۆز كۆڭلىدە سىزدىن قانچىلىك سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتمايلا قويۇڭ. ئېرىڭىزنىڭ ۋە باللىرىڭىزنىڭ ياسىنىشى ۋە پاكىز ، رەتلىكلىكى ھەم سىزنىڭ ئابرۇيىڭىزغىمۇ بەلگىلىك دەرجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،ئۇلار ئارقىلىق كىشىلەر سىزگىمۇ باھا بېرىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى copyright by www.iz.la
ئۆزى سۆيىدىغان ئايالنىڭ ئالدىدا ئەر كىشى ھامان پەقەت بىر « ئىش ئۇقمايدىغان بالا» خالاس. ئېرىڭىزنى مەينەت، رەتسىز دەپ قاقشاشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن كىيىم- كېچەكلىرىنى رەتلىۋەتكىنىڭىز ئەۋزەل.
ئىللىق ئائىلە ئەرلەر ھاياتىنىڭ ئارقا ھويلىسى، ئىنچىكە ئايال ئەرلەر قەلبىنىڭ ماكانى، گۈللەر پەسىلگە قاراپ ئېچىلىدۇ، كۈنلەرمۇ بىركۈندىن بىر كۈندىن ئۆتىدۇ، ياخشى ئايال ئەرلەرنىڭ كىيىم- كېچىكىنىڭ ئۇنىڭ تەييارلىشىغا قاراپ تۇردىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ھەر بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە ئۈن- تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بىر ئايال بولىدۇ.
ئاياللار ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆز قولىدا تۇتقان بولۇپ، گەپ ئۇنىڭ بۇ ئاچقۇچنى ئىشلىتىشنى بىلىش- بىلمەسلىكىدە.
–شېكىسپىر
بىشىدا چېچى بارلارنىلا ئايال دېمەڭلار،
ئايال شۇدۇر، سىياقىدىن بەلگىلىك.
كىر قىلماس بالىسىنى ئۆزىنى،
قېشى، كۆزى، قاپىقىدىن بەلگىلىك.
-مەختۇمقۇلى
ئىز تورى www.iz.la