ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ ناھىيە بۇ يىل چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەر بىر ئائىلە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ تۇياق چارۋا كۆپەيتىش، دېھقانلارنىڭ چارۋا باقمىچىلىقىدىن قىلىنىدىغان كىشى بېشى يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 278 يۈەندىن ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئوت – چۆپ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، چارۋىلارنىڭ قوتان قالدۇقىنى كۆپەيتىش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نەسىل ياخشىلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى رىغبەتلەندۈردى. بۇ جەرياندا دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ھەر بىر نەسىللىك ساغلىقىغا 100 يۈەن، سىرتقى جايلاردىن سېتىۋېلىپ كىرگۈزۈلگەن ساغلىقنىڭ ھەر بىرىگە 100 يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بەردى. ھەرقايسى يېزا – بازارلار دېھقان – چارۋىچىلار بىلەن ئىككى يىلغىچە چىشى چارۋىلارنى ساتماسلىق توغرىسىدا مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىدى.
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى
