ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
تۈركىيە ئىستانبۇل ئالتۇن تىجارىتى ئورنىنىڭ يېقىندىكى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، تۈركىيە لىراسى چوڭ كۆلەمدە چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، شۇ يەردە ئالتۇننىڭ باھاسى جىددى ئۆرلەپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئالتۇن ئېھتىياجى 1-ئايدا چوڭ چۈشۈپ كەتكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ 1-ئايدىكى ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى ئاران 6 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا،47% تۆۋەنلەپ كەتكەن، ئوخشاشلا ئالدىنقى يىلى12-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 31.65 توننا 81% تۆۋەنلەپ كەتكەن. www.iz.la
ئىستانبۇل ئالتۇن زىبۇ-زىننەت سودا جەمىيىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى مەھمەت ئەلى يىلدىرىمتۈركنىڭ دىيىشىچە لىرانىڭ چۈشۈپ كىتىشى ئالتۇننىڭ ئۆسۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئامېرىكا فىدراتسىيە بانكىسىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇلغان پۇل سىياسىتىنى تارايتىشى دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئالتۇننىڭ ئېھتىياجىغا نىسبەتەن پايدىسىز دىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئالتۇن بولسا نۇرغۇنلىغان تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەبلەغ سېلىش تۈرى، تۈركىيە دۇنيادىكى بەشىنچى چوڭ ئالتۇن ئىستىمال دۆلىتى.
مەنبە؛1مىسقال مۇنبىرى
