app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

شەندۇڭ ‹‹رۇيى›› گۇرۇھى قەشقەرگە ماكانلاشتى

ۋاقتى:2014-06-18 18:14مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، چوڭ تىپتىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك بازىسى بەرپا قىلىنىدۇ، 1–قارارلىق تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلسە 26 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ

    جۇ مىڭجۈن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا شەندۇڭ ‹‹رۇيى›› گۇرۇھى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى؛ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قەشقەر شەھىرى بىلەن مەبلەغ سېلىش توختامى، تۈر قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى؛ شەندۇڭ ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان قەشقەر يېڭىشەھەر، يوپۇغا، يېڭىسار، مەكىت ناھىيەلىرى بىلەن مەبلەغ سېلىش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. جەمئىي 20مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 3 مىليون ئۇرچۇقلۇق پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ‹‹چىلۇ رۇيى›› پەن – تېخنىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى تۈرى قەشقەرگە ماكانلاشتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    ‹‹رۇيى›› گۇرۇھى مەۋقەنى قەشقەرنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى. پىلانغا ئاساسەن، ‹‹رۇيى›› گۇرۇھى 20مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەردە ‹‹چىلۇ رۇيى›› پەن – تېخنىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى رايونى قۇرۇپ، خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ، 3 مىليون ئۇرچۇقلۇق پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 1 – قارارلىق تۈردە 1مىليارد يۈەن كاپىتالنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىككى يىلدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرىدۇ، يىلدا بىر مىليون ئۇرچۇقلۇق رۇيى پاختا يىپ ئىگىرىش، 100 مىليون مېتىر رەخت ئىشلەپچىقىرىش، 50 مىليون قۇر كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ. قەشقەردە يەنە جۇڭگو توقۇمىچىلىق كىيىم – كېچەك قۇرۇلۇشى قەشقەر تالا تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دېھقانچىلىق، سانائەت، پەن – تېخنىكا، سودا بىرگەۋدىلەشكەن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئىلغار، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىي بازىسى بەرپا قىلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇش ‹‹رۇيى›› پەن – تېخنىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى تۈرىنىڭ يەرلىك خەلققە بەخت يارىتىشتىكى ئاساسلىق نىشانى.

www.iz.la

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹رۇيى›› پەن – تېخنىكا توقۇمىچىلىق سانائىتى باغچىسىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 12 مىليارد يۈەنگە، ياراتقان پايدا ۋە بېجى 1 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يەرلىكتىكى 26مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس