ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
دۆلەتلىك تەرەققىيات ، ئىسلاھات كومىتېتى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە ، 26-مارت ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ، ئىسلاھات كومىتېتى ھەر توننا بېنزىن ۋە دىزېل مېيىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 135 يۈەن ۋە 130 يۈەن چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان . مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ، ھەر بىر لىتر 90-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 0.10 يۈەن ۋە 0.11 يۈەن چۈشۈرۈلىدىكەن ، 26-مارت سائەت 24:00 دىن باشلاپ ، يېڭى باھا ئىجرا قىلىنىدىكەن . [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە ، جۇڭگو نېفىتچىلىق گۇرۇھى ، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە گۇرۇھى ، جۇڭگو دېڭىز نېفىتچىلىق گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ شىركەت تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۆتكەپ توشۇش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدىكى تەييارماي بازىرىدىكى مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدىكەن .ھەر دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى بازارغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ ، دۆلەتنىڭ باھا سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەيدىغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ ، ھەقىقىي تۈردە بازار تەرتىپىنى قوغدايدىكەن .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە.....تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ئىز تورى www.iz.la
