ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى بەك ياخشى
كۆپىنچە خانىم-قىزلار يۈزلىرىگە قانداقلارچە داغ چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ. تۇرمۇش ئادىتى، دەم ئېلىشى، ئوزۇقلىنىشى، سالامەتلىكى دېگەندەكلەر خېلىلا ياخشىدەك تۇرسىمۇ يەنىلا داغ چۈشۈشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، خانىم-قىزلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەش مەزگىلى ئەسلىدىنلا داغ چۈشىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ چاغلاردا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئۆزىنى ۋە ئايدەك يۈزىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. www.iz.la
بالىلىق مەزگىلى . سەپكۈن تۇغما ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە 6~5 ياش ۋاقىتلىرىدا چىقىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىدۇ. رەڭگىنىڭ سۇس ياكى قېنىق بولۇشى ئاپتاپ بىلەن ئۇچىرىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى . بالاغەتكە يەتكەن مەزگىللەردە تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىشى جانلىنىپ، ئوڭايلا رەڭلەرنىڭ چۆكۈشىنى پەيدا قىلىپ، داغ پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياشلىق مەزگىلى . خانىم-قىزلار 30~20 ياش چاغلىرىدا خىزمەت-ئىش ئورۇنلىرىدا، ئائىلىدە تازا زورۇقۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئۇيقۇسى كەم بولۇپ، دەم ئېلىشى يېتەرسىز بولىدۇ، روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش، زىيادە چارچاش قاتارلىقلار بۆرەك ئۈستى بېزى، تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىپ، رەڭلەرنىڭ چۆكىۋېلىشىنى ھاسىل قىلىدۇ-دە، داغ پەيدا بولىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھامىلىدارلىق مەزگىلى. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سېرىق-بېغىررەڭ داغ ئەڭ ئوڭاي چۈشىدۇ. بۇ تۇخۇمدان خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاياللار 50~40 ياشقا بارغاندىمۇ تۇخۇمدان ئىقتىدارى چېكىنگەندە، بۇ خىل داغ چۈشىشى مۇمكىن.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
قېرىلىق مەزگىلى. ئاياللار ياشانغاندا قېرىلىق دېغى چۈشىدۇ. بۇ تېرىلەرنىڭ قېرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، بەزىدە جەمەت خاراكتېرلىك ئىرسىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئەمدى بۇ خىل داغلارنى يوقىتىشنىڭ ئاددىي چارىلىرى تۆۋەندىكىدەك: copyright by www.iz.la
ئۇيقۇ ۋە ئوزۇقلىنىش تېرە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ يېتەرلىك ئۇخلاش ئىنتايىن مۇھىم. قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، شورپىلىك غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، مېۋە-چىۋىلەرنى، تۇخۇم ۋە ئورۇق گۆشكە ئوخشاش ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر تېرىنىڭ سىلىق، يۇمران، پارقىراق تۇرۇشى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياز پەسلىدە مۇۋاپىق مىقداردا قەنت تولۇقلاش . جىگەر، بۆرەك، تال قاتارلىق ئەزالارنىڭ ھەممىسى قەنتكە ئېھتىياجلىق، ھالبۇكى بۇ ئەزالار ئاياللارنىڭ ساقلىقى، چاچلىرىنىڭ سۇمبۇل، رۇخسارىنىڭ گۈزەل بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاپتاپتىن ساقلىنىش. چۈنكى قورۇق-داغلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاپتاپتا كۆپ تۇرغانلىقتىن، تېرىلەرنىڭ قېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاپتاپتىن ساقلىنىش تېرە ئاسراش بويۇملىرى يازدىكى زۆرۈر بويۇملاردۇر. ئەمما، ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۆرسەتكۈچى بەك يۇقىرى بويۇملارنىڭ يەنە تېرىگىمۇ غىدىقلاش تەسىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئىشلەتكەندىن كېيىن 3-2 سائەت ئىچىدە يۇيىۋېتىش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
