app دېتالى

يۈزنى ئۇۋۇلاشنىڭ قانداق پايدىسى بار

ۋاقتى:2014-07-02 17:19مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

1.يۈزدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خۇددى ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە قولنى بىر – بىرىگە سۈركىسە قىزىغانغا ئوخشاش، بارماق بىلەن يۈزنى ئۇۋۇلىسا، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. قان ئايلىنىشنىڭ جانلىنىشىنى تېرىگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىشكە پايدىلىق بولۇپ، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنىشىنى يېتەرلىك ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق يۈزنى قىزغۇچ ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

2. مۇسكۇللارنىڭ ئىلاستىكىلىقى ۋە كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇۋۇلاش ئارقىلىق مۇسكۇلدىكى بىر قىسىم توسۇلۇپ قالغان قىلدام قان تومۇرلار ئېچىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇۋۇلانغان مۇسكۇللار توپى تېخىمۇ كۆپ قان بىلەن تەمىنلىنىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىغا ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا مۇسكۇلنىڭ ھەركەت ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ. ئۇۋۇلاش ئارقىلىق مۇسكۇلنىڭ قىسقىراش كۈچى يەنى مۇسكۇل كۈچى زورايغانىقتىن، مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئېشىپ، تېرىلەر تولىدۇ ھەم چىڭىيىدۇ ۋە قورۇق ئاز چۈشىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى

3.لىمغا سۇيۇقلۇقنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.لىمغا سۇيۇقلۇقى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى توقۇلمىلىرى ئارىسىدىكى رەڭسىز سۈزۈك سۇيۇقلۇق بولۇپ، قاننىڭ راۋن ئېقىشىغا ياردەم بېرىدىغان ۋاستە. لىمغا سۇيۇقلۇقى ئېقىشىنىڭ جانلىنىشى بىر تەرەپتىن قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېرىنى يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەپ، تېرىنى نەمخۇش ۋە پارقىراق قىلىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

4.تېرىنىڭ مېتابولىزمى جەريانىدا ئېپىدېرمىغا قېرىغان مۈڭگۈزلەشكەن ماددىلار يىغىلىدۇ، ئۇۋۇلاش ئارقىلىق مانا شۇ مۈڭگۈزلەشكەن ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، تەر بەزلىرى ۋە تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئاجىرتىپ چىقىرىش رولىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ، تېرىدىكى قىلدام قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قاننىڭ ئېقىش مىقتارىنى ئاشۇرغىلى، شۇ ئارقىلىق تېرىنى سىلىق ۋە پارقىراق قىلغىلى بولىدۇ. www.iz.la

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس